تۈركىي تىللار تەتقىقاتنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى

تۈركىي تىللار تەتقىقاتنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى


تۇرسۇن ئايۇپ


  جۇڭگو تۇركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مۇھىم ماكانلىرىدىن بىرى. يىراق قەدىمدىن تارتىپلا قەدىمكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن ئۇرۇق، قەبىلىلەر ئېلىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربى شىمالىدا ياشاپ كەلگەن. ئۇلار «يىپەك يولى» نىڭ جەنۇبى، شىمالى ۋە ئوتتۇرا تارماقلىرىدىكى كەڭ رايۇنلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ياراتقان. شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، دۇنيا، جۈملىدىن، ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان
 70-     -يىللارنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگودا ئون يىلچە داۋام قىلغان  «مالىمانچىلىق» قا خاتىمە بېرىلىپ، قالايمىقانچىلىقىنى ئوڭشاش خىزمىتى باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ ھەرساھە،ھەر كەسىپ خىزمەتلىرىدە قايتىدىن گۈللەپ ياشناشتەك يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى. يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن « ھەممە مىللەت باپباراۋەر»، «مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن سىياسەت قايتىدىن تەكىتلەندى. بۇ يېڭى ۋەزىيەت ئېلىمىزنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقاتىنى تارىختا مسلى كۆرۇلمىگەن يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا ئېلىپ كىردى. ئېلىمىزنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغايدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئېلىمىزنىڭ بۇ باسقۇچتىكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتى تەتقىقات تېمىسنىڭ كەڭلىكى، تەتقىقات مىتودىنىڭ ئىلغارلىقى، تەتقىقات سەۋىيسىنىڭ يۇقىرىلىقى، تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ موللۇقى، تەتقىقاتقا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلۇكى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ئالدىنقى 30 يىلدىكىدىن روشەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىر قانچە تېما بويىچە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمز.
   1 . تىل-يېزىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئاتالغۇلارنى قىلپلاشتۇرۇش ۋە لۇغەتشۇناسلىق جەھەتتە  
   يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئېلىمزنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقات خىزمىتىدە، زور كۈچ سەرپ قىلنغان، مەبلەغ كۆپ سېلىنغان، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي ئۈنۈمى چوڭ بولغان تارماق ــ تىل-يېزىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئاتالغۇلارنى قىلپلاشتۇرۇش ۋە لۇغەتشۇناسلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن تونۇشتۇرۇشقا بولىدۇ :
1.        تىل-يېزىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش جەھەتتە.
تىل-يېزىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۆلچەملەشكىنى بويىچە قوللىنىش، تىل-يېزىقىنى ياخشى قوللىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا تىل-يېزىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، بۇ جەھەتتكى باشقۇرۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى ھەر دەرجىلىك تىل-يېزىق خىزمىتى ئورگانلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن زور ئېتباغا ئېلىندى، تۈجۈپىلەپ تۇتۇلدى. 1984-يىلى 12-ئايدا  ش ئۇ ئا ر  مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە يەنە بىر قېتىم زور ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. ئىملا قائىسىدە، مورفولوگىيلىك پىرىنسىپنى ئاساس قىلىش، تارىخىي ۋە فونتېكىلىق پرنسىپلارغىىمۇ ئېتبار بېرىش تەكىتلەندى. شۇ يىلى يەنە ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، لەۋلەشكەن تۆت سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن مەخسۇس ھەرپ بېكىتىلدى. 1987-يىلى «ئۇيغۇر تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى» تۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى، ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئۇنىڭ ئىلمىيلىك دەرجىسى تېخىمۇ ئۆستى. 1985-يىلى تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە 30 مىڭغا يېقىن سۆزنى ئۆزئىچىگە ئالغان «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ ئىملا لۇغىتى» تۈزۈلۈپ نەشىردىن چىقتى. 1988-يىلى تىلشۇناس ئابدۇسالام ئابباس، ئامىنە غاپپار باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن 25مىڭ سۆزلۈك «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى» نەشىردىن چىقتى. كېيىن ھەر تەرەپلمە پىكىر ئېلىشۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلق بۇ ئىككى لۇغەت تېخىمۇ تولۇقلىنىپ، 1997-يىلى 57،  مىڭ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ھازارقى زامان ئۇيغۇر تىلنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» نەشىر قىلىندى. 1985 –يىلى «قازاق تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» نەشىر قىلندى، 1986-يىلى تىلشۇناس ماكېلېك تۈزگەن « قىرغىز تىلنىڭ ئىملا قائىدىسى»، «قىرغىز تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى» نەشىردىن چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە «قىرغىز تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» كېيىن يەنە تولۇقلىنىپ، 1989-يىلى قايتا نەشىر قىلىندى . بۇ بىر قاتار خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدە ئىجرا قىلىنىشى بىلەن مەتبۇئات-نەشىرىيات، ئاخبارات ساھەسىدە ھەر كىم ئۆز خاھىشى ياكى شېۋە ئادىتى بويىچە ئىش قىلىدىغان ئەھۋالغا ئاساسەن خاتىمە بېرىلدى. تىلنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلىق رولى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى.
2.        يېڭى سۆز ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە
70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جۇڭگو ئسلاھات-ئېچۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويدى، جەمئيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە چوڭقۇر ئۆزگىرش بولدى، ئىلىم-پەن يۈكسەك تەرەققىي قىلدى، كىشلەرنىڭ ئالاقىسى مىسلى كۆرۇلمىگەن ھالدا قويۇقلاشتى، يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملار تۈكۈم- تۈركۈملەپ بارلىققا كەلدى. بۇ يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملار تىلدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. جۇڭگو تىل- يېزىق خىزمىتى كوممىتېتى يېڭى سۆز-ئاتالغۇلار ئىشخانىىسنىڭ سىتاستىكا قىلشچە، 1978-يىلدىن 1998-يىلغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە، يېڭى سۆز-ئاتالغۇلار يىلغا ئوتتۇراھېساب بىلەن 700دىن كۆپىيىپ بارغان. بۇنىڭدىن يېڭى سۆز ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ جۇڭگو تىلشۇناسلىقىدىكى مۇھىم بىر خىزمەت ئىكەنلىكى كۆرۇنۇپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدە مەركەرزدىن تارتىپ جايلارغىچە يېڭى-سۆز ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش-بېكىتىش كوممتېتلىرى قۇرۇلۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەت ۋە تەتقىقاتقا بولغان يېتەكچىلىك كۈچەيتىلدى. جۇڭگودىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنىدىمۇ 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىلدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش-بېكىتىش كوممىتېتى قۇرۇلدى. 1985-يىلدىن 1998-يىلغىچە بۇ كوممىتېتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كەسپىي گۇرۇپپىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 70 مىڭغا يېقىن يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ مۇناسىۋەتلىك گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان سۆز-ئاتالغۇلار 32 مىڭدىن، قازاقچە قېلىپلاشتۇرۇلغان سۆز-ئاتالغۇلار 15 مىڭدىن، قىرغىزچە قېلىپلاشتۇرۇلغان سۆز-ئاتالغۇلار 15 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار ھازىر ئۇيغۇر تىلدا ئىككى توپلام، بىرىنچى توپلام 1995-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن، ئىككىنچى توپلام 1999-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلنىدى. قازاق تىلدا بىر توپلام (1999-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ) قىلىپ نەشىر قىلندى


    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ

    ئاۋات مەزمۇنلار

    二维码