تىلىمىزدىكى يۇمشاق «گ» تاۋۇشى توغرىسىدا



ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل

يۇمشاق «گ» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىلىپبەسىگە كىرگۈزۈلمىگەن، ئەمما تىلىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان تىل تاۋۇشى بولۇپ، بۇ تاۋۇش خوتەن شىۋىسىدە مۇئەييەن فونىتىلىك ۋە مورفولوگىيىلىك رول ئوينايدۇ. تىلىمزدىكى «گ» تاۋۇشىنى تەلەپپۇز قىلغاندا، تىل تۈۋى (تىل ئارقىسى) ئۈستۈن تاڭلايغا تەككۈزۈلۈپ، ھاۋا ئېقىمى پارتىلاپ، جاراڭلىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. يۇمشاق «گ» تاۋۇشىنىڭ تەلەپپۇز شەكلى(لەۋ ھالىتى، تىل ۋالىتى قاتارلىقلار) «گ» تاۋۇشىنىڭ تەلەپپۇز ھالىتىگە ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن تەلەپپۇز قىلغاندا تىل تۈۋى ئۈستۈن تاڭلايغا تەككۈزۈلمەي، ھاۋا ئېقىمى بىۋاستە چىقىپ، يىنىك، جاراڭسىز، سېرىلاڭغۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ تاۋۇش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئاخىرى «گ» بېلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملاردا بىر قەدەر روشەن كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
بەگ، تەگ، ئەگ، چەگ، تۈگ، بۆگ، تۈگمەن، تۈگمە، لەگلەك، ئەگرى …
بۇ قەدىمىي تۈركى تىللىرىدىمۇ مەۋجۇت تاۋۇش بولۇپ، مەخمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا بۇ تاۋۇشنى «يۇمشاق كاف» دەپ ئاتاپ، بۇ تاۋۇش بېلەن «قاتتىق كاف» ۋە «گ» تاۋۇشلىرىنىڭ فونىتىكىلىق رولىنى ۋە ورفولوگىيىلىك رولىنى بىر قانچە جايدا ئىزاھلىغان. بۇ تاۋۇش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا ئاخىرى «گ» بېلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملارنى يىنىكلىتىپ تەلەپپۇز قىلىش ئۈچۈن قوللۇنىلغاندىن باشقا، ھەرقايسى شىۋىلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، ئايرىم شىۋىلەردە روشەن فونىتىكىلىق ۋە مورفولوگىيىلىك رولغا ئىگە. جۈملىدىن، خوتەن، قەشقەر، تۇرپان، قومۇل شىۋىلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىشلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ خوتەن شىۋىسىدە ئەڭ گەۋدىلىك. ماخمۇت قەشقىرى «دىۋان»نىڭ مۇقەددىمىسىدە «تىرىگ» سۆزى «تىرىلدى» سۆزىگە؛ «ئۆلۈگ» سۆزى «ئۆلدى» سۆزىگە يۇمشاق «گ» قوشۇلۇپ ياسالغانلىقىنى يازغان. («تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1- توم 19- بەت). بۇ خىل ئەھۋال خوتەن شىۋىسىدە ئەينەن ساقلانغان. قەشقەر شىۋىسىدىمۇ قىسمەن ساقلانغان. (بىز يۇمشاق «گ» تاۋۇشىنى «گ» بېلەن ئىپادىلەپ تۇرايلى) مەسىلەن:
«دىۋان»دا         خوتەن شىۋىسىدە      «دىۋان»دا         خوتەن شىۋىسىدە
ئەتەك              ئىتەك                  ئۆتۈگ              ئۈتەگ (ئىچى سۈرۈش)
ئۆتۈك              ئۈتەك                  ئۆلۈگ              ئۈلەگ (ئۆلۈك)
ئۈستەك            ئۈستەك                 تىرىگ             تىرىگ (تىرىك)
قۇمۇل، تۇرپان شىۋىلىرىدە بەزى سۆزلەردىكى سۆز ئارىسىدىكى «ۋ» تاۋۇشى «گ» تاۋۇشىغا ئالمىشىدۇ، خوتەن شىۋىسىنىڭ كېرىيە تارماق شىۋىسىدىكى بەزى رايۇنلاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بار، لېكىن «ۋ» تاۋۇشى قۇمۇل، تۇرپان شىۋىلىرىدىكىدەك قاتتىق «گ» تاۋۇشىغا ئەمەس، يۇمشاق «گ» تاۋۇشىغا ئالمىشىدۇ، ھەم ئانچە كۆپ ئەمەس. مەسىلەن:
ئايگان (ئايۋان)، جۇگا (جۇۋا)، ياگاش (يۇۋاش)، لاگا (لاۋا)، دۇگا (دۇئا، دۇۋا)، ھاگانچا (ھاۋانچا)، زەدىگال (زەدىۋال)، سۇگۇن (سوپۇن)
خوتەن شىۋىسى ۋە تۇرپان شىۋىسىنىڭ ئايرىم تارماق شىۋىلىرىدە يەر- جاي ناملىرىنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ، «شۇ يەرلىك كىشى» دېگەن مەنىدە سۆز ياسايدىغان قوشۇمچى «لىك، لۈك» لەردىكى «ك» تاۋۇشى بىردەك يۇمشاق «گ» بېلەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. خوتەن شىۋىسى ۋە قەشقەر، تۇرپان، قۇمۇل شىۋىلىرىنىڭ بەزى تارماق شىۋىلىرىدە پېئىللارنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ كېلىپ ئۆتكەن زاماننى بىلدۈرىدىغان «غان، قان، گەن، كەن» قوشۇمچىلىرىدىكى «گەن» قۇشۇمچىسىدىكى «گ» تاۋۇشى يىنىك «گ» بېلەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. خوتەن شىۋىسىدە سۆز ئارىسىدا كەلگەن «گ» تاۋۇشىنىڭ يىنىك «گ»غا ئاجىزلاش ئەھۋالى نىسبەتەن كۆپ ۋە ئېغىر. بۇ خىل ئەھۋال باشقا شىۋىلەردىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت.
يوقارقى ئەھۋاللار يۇمشاق «گ» تاۋۇشىنىڭ تىلىمىزدا ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ تاۋۇش تىلىمىزدا زادى قانداق فونىتىلىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ؟ بۇ تاۋۇش قاتتىق «گ» ياكى قاتتىق «ك» تاۋۇشىنىڭ ئاجىزلىشىش، يىنىكلىتىش شەكلىمۇ ياكى مۇئەييەن فونىتىلىك رولغا ئېگە مۇستەقىل تاۋۇشمۇ؟ بۇ ئەھۋاللارنى بىلىش ئۈچۈن بۇ تاۋۇشنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە رولى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان خوتەن شىۋىسى بېلەن ھازىرقى زامان ئورتاق تىلىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەھلىل قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق.
يۇمشاق «گ» تاۋۇشىنىڭ رولى سۆز تۈرلۈگۈچى قوشۇمچى «لىك، لۈك»لەردىكى «ك» تاۋۇشىنىڭ يۇمشاق «گ»غا ئالمىشىشىدا ئەڭ گەۋدىلىك. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچى «لىك، لۈك، لىق، لۇق»لار بىرسى بىرسىنىڭ ۋاريانتى ھېسابلىنىدۇ. خوتەن شىۋىسە بۇ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردىن باشقا يەنە «لىگ، لۈگ، لىغ، لۇغ» قاتارلىق قوشۇمچىلارمۇ بار بولۇپ، بۇ قوشۇمچىلارمۇ بىرسى بىرسىنىڭ ۋاريانتى ھېسابلىنىدۇ. «لىك، لۈك، لىق، لۇق»لارنىڭ ئورنىغا «لىگ، لۈگ، لىغ، لۇغ»لار ئالمىشىپ كەلسە، ئاڭلىتىدىغان مەنىسىدە تۈپتىن ئۆزگۈرۈش ياسايدۇ. لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ئورتاق تىلدا كۆرۈلمەيدۇ. بۇ خىل تىل ئادىتى قەدىمىي تۈرۈك تىلىدىن ئەينەن ساقلىنىپ قالغان ئەھۋال بولۇپ، مەخمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا بۇ توغرىدا بىر قەدەر تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن. مەخمۇت قەشقىرى بۇ خىل ئەھۋال ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق يازغان: ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلغان قاتتىق «ك-k» بەزىدە ئورۇن ئىسمىنى، بەزىدە نەرسە قويۇلغان يەرنى بىلدۈرىدۇ، بەزىدە مەستەر بولۇپ كېلىدۇ.
بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالدىن بىرى بولۇپ كەلمەي، نەرسىنىڭ ئىگىسى دېگەن مەنىدە كەلسە، ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا يۇمشا «ك -g» قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: يوقۇرىدا كەلتۈرۈلگەن «ئەگەتلىك» سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر قاتتىق «ك-k» كەلسە، بۇ سۆز «كېلىنگە خىزمەت قىلىدىغان دېدەك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئەگەر يۇمشاق «ك -g» كەلسە، «خىزمەتچى دېدەكنىڭ ئىگىسى بولغان كېلىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ – مۇشۇنداق سۆزلەر ئۈچۈن ئومۇمى قائىدە. («دىۋان» 1- توم 204-،205- بەتلەر)
بۇ خىل ئەھۋال خوتەن شىۋىسىدە ئەينەن ساقلىنىپ قالغان. بۇ ھەقتە  «لىك، لۈك، لىق، لۇق» ۋە «لىگ، لۈگ، لىغ، لۇغ» قوشۇمچىلىرى بېلەن بىرلىكتە توختۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ.
مەخمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللاردىۋانى»نىڭ «بەش ھەرىپلىكلەر باپلىرى، فەئەلئەل شەكلىدە ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى»دا: “بۇ باپ پەقەت ئىسىملارنى، سۈپەتلەرنى ۋە نەرسىلەرنىڭ تۇرغان ئورنىنى بىلدۈرىدىغان ئورۇن- جاي ئىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ” دەپ، «لۇغ، لىغ، لىق، لۇق، لىك، لۈك، لىگ، لۈگ» قوشۇمچىلىرى بېلەن ياسالغان ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنى تۇنۇشتۇرغان. («دىۋان» 1- 198 ~ 208- بەتلەر) كېيىنكى «بەش ھەرىپلىكلەر باپلىرى، فەئەلئەل شەكلىدە ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى»دا، يەنە شۇ خىلدىكى سۆزلەرنى تونۇشتۇرۇپ:  ئاخىرىغا «لىغ» ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەر ئىگىلىك (مەزكۇر نەرسىنىڭ ئىگىسى) مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ، مەفئۇل (قىلىنغان، بىجىرىلگەن ئىش) مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. بۇ يەنە بىرقانچە تارماققا تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇلار ئېيتىپ ئۆتۈلمىسە، چۈشۈنىكسىز بولۇپ قالىدۇ، بۇ تۈركۈمگە كىرىدىغان سۆزلەر ئورۇن- جاي مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ.
بىرىنچى، ئىگىلىك مەنىسىدە كېلىشۇ: بەدۈك قارىنلىغ ئەر – يوغان قورساق ئادەم؛ سامانلىغ ئەر – سامانلىق ئادەم، سامىنى بار ئادەم دېگەنگە ئوخشاشلار.
ئىككىنچى، مەفئۇل مەنىسىدە كېلىشى: سارىغلىغ ئەر – سېرىق كېسىلى بار ئادەم؛ قۇرۇغلۇغ يا – قۇرۇقلۇق يا، قۇرۇلغان يا دېگەنگە ئوخشاشلار.
ئۈچۈنچى، ئورۇن- جاي مەنىسىدە كېلىشى: تارىغلاغ – تېرىلغۇلۇق، ئېتىز، ئېتىزلىق؛ تۇرۇغلاغ – تۇرالغۇ يەر، تۇرىدىغان يەر دېگەنگە ئوخشاشلار. («دىۋان» 1- توم 651-،652- بەتلەر)
ئۇ يەنە بۇ باپتا مۇنداق يازغان: بۇ باپتىكى سۆزلەر (مەنە جەھەتتىن) بەش خىلغا بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى، بىر نەرسىنىڭ ئۈنگەن، ئۆسكەن جايىنى ياكى بىرەر نەرسىنىڭ جايلاشقان ئورنىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: «سۆگۈتلۈك - سۆگەتلىك، سۆگەت ئۆسكەن يەر»، «كەپەكلىك – كېپەكلىك، كېپەك قويۇلغان يەر».
ئىككىنچى، باشقا بىر نەرسە ياساشقا تەييارلاپ قويۇلغان نەرسىنىڭ ئىسمىنى بىلدۈرىدۇ: «تۆشەكلىك بارچىن – تۆشەكلىك تاۋار، يوتقان- كۆرپە تىكىشكە تەييارلانغان يېپەك رەخت»، «بۇ يىغاچ ئول قوبۇققا تىرەكلىك – بۇ قۇۋۇققا تىرەك قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ياغاچ» دېگەنگە ئوخشاش.
ئۈچۈنچى، كىشىنىڭ مىجەز- خۇلقىنى بىلدۈرىدىغان مەستەر مەنىسىدە كېلىدۇ: «كۆۋەزلىك – كۆرەڭلىك»، «يىگىتلىك – يىگىتلىك، ياشلىق» دېگەنگە ئوخشاش.
ئىسىملار يوقارقىدەك ئۈچ مەنىدە كەلسە، ھەممە تۈركى تىللاردا ئوخشاش قاتتىق «ك -k» قوللىنىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقىچە بولمايدۇ.
تۆتىنچى، ئېيتىلغان نەرسىنىڭ ئېگىسى مەنىسىدە كېلىدۇ: «بىلەكلىگ ئەر – بېلەكلىك ئادەم، بېلىكىدە كۈچى بار ئادەم»، «بىتىكلىك ئەر – (قولىدا) خېتى بار ئادەم» دېگەنگە ئوخشاش…
بەشىنچى، مەفئۇل مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ: «بىلىك كىشى ئارا ئۈلۈكلۈگ ئول – ئەقىل كىشىلەر ئارا ئۆلەشتۈرۈلگەن»، «تۆشەكلىگ تۆشەك – سېلىقلىق تۆشەك» دېگەنگە ئوخشاش.
ئىسىملار بۇ كېيىنكى ئىككى مەنىدە كەلسە، يۇمشاق «ك-g»قوللىنىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقىچە بولمايدۇ. («دىۋان» 1- توم 663~664- بەتلەر).
ئەمدى بىز «لىك، لۈك، (لەك)، لىگ، لۈگ، (لەگ)، لىق، لۇق،(لاق)، لىغ، لۇغ ، (لاغ)» قوشۇمچىلىرىنىڭ خوتەن شىۋىسىدىكى رولى ئۈستىدە توختىلايلى:
1. ئىسىملارنىڭ كەينىگە قاتتىق «ك» ۋە «ق» بېلەن ئاخىرلاشقان «لىك، لۈك، (لەك)، لىق، لۇق،(لاق)» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلگەندە، خۇددى خاقانىيە تىلىدىكىگە ئوخشاشلا شۇ نەرسە ئۆسكەن، شۇ نەرسە جايلاشقان، شۇ نەرسە كۆپ يەر دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئورتاق تىلدىمۇ ھەم شۇنداق.  مەسىلەن:
سۈگەتلىك (سۆگەت كۆپ جاي)      جىگدىلىك ( جىگدە دەرىخى كۆپ جاي)
بىدىلىك (بىدە تېرىلغان يەر)        ئۈژمىلىك (ئۈژمە دەرىخى كۆپ جاي)
ئۈزۈملۈك (ئۈزۈم تېلى كۆپ جاي)     تۈتۈنلۈك (تۈتۈن قاپلىغان يەر)
ئۆيلەك (ئۆيلۈك)                     كۆكلەك (كۆكلۈك، كۆك كۆرۈنگەن جاي)
پىچانلىق (پىچان ئۆسىدىغان يەر)    پىيازلىق (پىياز تېرىلغان يەر)
بۇغدايلىق (بۇغداي تېرىلغان يەر)    سامانلىق (سامان ساقلايدىغان ئۆي)
سۇلۇق (سۇ بېسىپ كەتكەن يەر)    قۇملۇق (قۇم باسقان يەر)
تۇزلۇق (تۇز چىقىدىغان يەر، تۇز سۈيى ساقلايدىغان قاچا) شولاق (شورلۇق، شور كۆپ جاي)
بۇ قوشۇمچىلاردىكى قاتتىق «ك» تاۋۇشى يۇمشاق «گ»غا، «ق» تاۋۇشى «غ»غا ئالماشسا، ئاڭلىتىدىغان مەنىسىدە ئۆزگۈرۈش ياساپ، شۇ نەرسىنىڭ ئىگىسى، شۇ نەرسىسى بار ئادەم، ياكى تەركىۋىدە شۇ نەرسە بار نەرسە دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ. مەسىلەن:
سۈگەتلىگ (سۆگىتى بار)          جىگدىلىگ ( جىگدىسى بار)
بىدىلىگ (بىدىسى بار)            ئۈژمىلىگ (ئۈژمىسى بار)
ئۈزۈملۈگ (ئۈزۈمى بار)              تۈتۈنلۈگ (تۈتۈن قاپلىغان يەر)
ئۆيلەگ (ئۆيىسى بار)               كۆكلەگ (كۆكى بار)
پىچانلىغ (پىچانىسى بار)           پىشازلىغ (پىيىزى بار، پىياز ئارىلاشتۇرۇلغان)
بۇغدايلىغ (بۇغدىيى بار)           سامانلىغ (سامانى بار، سامان ئارىلاشتۇرۇغان)
سۇلۇغ (سۇيى كۆپ)               قۇملۇغ (قۇمساڭغۇ، قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان)
تۇزلۇغ (تۇزى كۆپ)                شولاغ (شورى بار)
قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:


گۇللۇغ باققا تو سېلىپ،
تۇتىۋالدىم ھېرىنى.
بى كاماغا سۇلىۋالدىم،
ئاق كۆينەكلىگ قېرىنى.


2. ئىسىملارنىڭ كەينىگە قاتتىق «ك» ۋە «ق» بېلەن ئاخىرلاشقان «لىك، لۈك، (لەك)، لىق، لۇق،(لاق)» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلگەندە، خۇددى خاقانىيە تىلىدىكىگە ئوخشاشلا شۇ نەرسىنى ياساشقا تەييارلانغان ياكى ياكى ياسىلىدىغان ماتېرىيال دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئورتاق تىلدىمۇ ھەم شۇنداق.  مەسىلەن:
كۆينەكلىك (كۆينەك تىكىشكە ياكى تىكتۈرۈشكە تەييارلانغان رەخت)
مەسىلىك (مەيسە تىكىشكە ياكى تىكتۈرۈشكە تەييارلانغان خىروم ياكى كۆن)
ئەستەلىك (چاپان، يوتقانغا ئوخشاش نەرسىلەرگە ئەستەر قىلىشقا تەييارلانغان رەخت)
سەللىلىك (سەللە قىلىشقە تەييارلانغان داكا)
ئۆيلەك (ئۆيلۈك، ئۆي سېلىشقا تەييارلانغان يەر ياكى ماتېرىيال)
بۆكلەك (بۆكلۈك، بۆك تىكىشكە تەييارلانغان رەخت)
ئىشتانلىق (ئىشتان تىكىشكە ياكى تىكتۈرۈشكە تەييارلانغان رەخت)
چاپانلىق (چاپان تىكىشكە ياكى تىكتۈرۈشكە تەييارلانغان رەخت)
ئاشلىق (ئاش- تاماق ئېتىشكە تەييارلانغان نەرسە، بۇغداي- قوناق)
خۇجۇنلۇق (خۇرجۇن توقۇشقا تەييارلانغان يىپ)
تونلاق (تونلۇق، تون تىكىشكە ياكى تىكتۈرۈشكە تەييارلانغان رەخت)
بۇ قوشۇمچىلاردىكى قاتتىق «ك» تاۋۇشى يۇمشاق «گ»غا، «ق» تاۋۇشى «غ»غا ئالماشسا، ئاڭلىتىدىغان مەنىسىدە ئۆزگۈرۈش ياساپ، شۇ نەرسىنىڭ ئىگىسى، شۇ نەرسىسى بار ئادەم، ياكى تەركىۋىدە شۇ نەرسە بار نەرسە دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ. مەسىلەن:


كۆينەكلىگ (كۆينىكى بار)
مەسىلىگ (مەيسىسى بار، مەيسە كەيگەن)
ئەستەلىگ (ئەستىرى بار)
سەللىلىگ (سەللە يۆگىگەن ئادەم)
ئۆيلەگ (ئۆيى بار)
بۆكلەگ (بۆكى بار، بۆك كەيگەن)
ئىشتانلىغ (ئىشتىنى بار)
چاپانلىغ (چاپىنى بار، چاپان كەيگەن)
ئاشلىغ (بۇغداي- قونىقى بار)
خۇجۇنلۇغ (خۇرجۇنى بار)
تونلاغ (تونى بار، تون كەيگەن ئادەم)


ماقالدا مۇنداق كەلگەن:
ئۇساڭ جۇۋۇلۇغنى ئۇ، جۇۋىسىزغا تو كەتسۇن. (ئۇرساڭ جۇۋىسى بارنى ئۇر، جۇۋا كەيمىگەنلەر قورقۇپ كەتسۇن)
3. ئورتاق تىلدا يەر ناملىرىنىڭ كەينىگە «لىك، لۈك، لىق، لۇق» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلسە، شۇ يەرلىك ئادەم دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ. لېكىن خوتەن شىۋىسىدە شۇ مەنىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ قوشۇمچىلارنىڭ كەينىدىكى قاتتىق «ك» تاۋۇشى يۇمشاق «گ» تاۋۇشىغا، «ق» تاېۇشى «غ» تاۋۇشىغا ئالمىشىدۇ. مەسىلەن:
ئورتاق تىلدا       خوتەن شىۋىسىدە        ئورتاق تىلدا       خوتەن شىۋىسىدە


قەشقەرلىك
ئاقسۇلۇق
غولجىلىق
قەشقەرلىگ
ئۈرۈمچىلىگ
ئاقسۇلۇغ
غولجىلىغ
خوتەنلىك
لەڭگەرلىك
ئاتۇشلۇق
قارىمايلىق
خوتەنلىگ
لەڭگەرلىگ
ئاتۇشلۇغ
قارىمايلىغ

خاقانىيە تىلىنىڭ تىل ئادىتى بويىچە ئېيتقاندا، مۇشۇنداق ئېيتىش توغرىسىدۇر. چۈنكى، يەر- جاي ناملىرى كەينىگە «لىك، لۈك، لىق، لۇق» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلگەندە، خاقانىيە تىلىنىڭ تىل ئادىتى بويىچە شۇ نەرسە ئۆسكەن، شۇ نەرسە جايلاشقان، شۇ نەرسە كۆپ يەر دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شۇ يەرلىك ئادەم دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن يەر- جاي ناملىرى كەينىگە «لىگ، لۈگ، لىغ، لۇغ» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىشى كېرەك.يەنە كېلىپ نەرسە- كېرەكلەرنىڭ ئىسمى بېلەن ياسالغان يەر – جاي ناملىرىنىڭ كەينىگە «لىك، لۈك، لىق، لۇق» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلگەندە، ”شۇ نەرسە ئۆسكەن، شۇ نەرسە جايلاشقان، شۇ نەرسە كۆپ يەر“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى ”شۇ يەرلىك ئادەم“ دېگەن مەنىدىمۇ ۋە ياكى ”شۇ نەرسىنىڭ ئىگىسى“ دېگەن مەنىنىمۇ؟ بۇ خىلدىكى ياسالما سۆزلەردە مەنا قالايمىقانچىلىقى كۆرۈلىدۇ. خوتەن شىۋىسى بويىچە پەرقلەندۈرگەندە بۇ خىل قالايمىقانچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

تاغلىق (تاغ كۆپ جاي)
سېرىق تاللىق (سارغايغان تالتوغراقلىق)
تاشقورغانلىق (تاشتا ياسالغان قورغان بار يەر)
تۈز شورلۇق (تۈز كەتكەن شورلۇق يەر)
يېس يۇلغۇنلۇق (ياپىلاق يۇلغۇن كۆپ يەر)
بوستان تېرەكلىك (باراقسان تېرەكلىك)
قىزىل جىگدىلىك (قىزىل جىگدە كۆپ يەر)
قۇم دۆڭلۈك (قۇم دۆڭ كۆپ يەر)
ئاق ئۆيلۈك (ئاق ئۆي كۆپ يەر)
تاغلىغ (تاغدا ئۆسكەن ئادەم)
سېرىغتاللىغ (سېرىقتال دېگەن يەرلىك ئادەم)
تاشقورغانلىغ (تاشقورغان دېگەن يەرلىك ئادەم)
تۈزشورلۇغ (تۈز شور دېگەن يەرلىك ئادەم)
يېسيۇلغۇنلۇغ يېسيۇلغۇن دېگەن يەرلىك ئادەم)
بوستانتېرەكلىگ (بوستانتېرەك دېگەن يەرلىك ئادەم)
قىزىلجىگدىلىگ (قىزىل جىگدە دېگەن يەرلىك ئادەم)
قۇمدۆڭلۈگ (قۇمدۆڭ دېگەن يەرلىك ئادەم)
ئاقئۆيلۈگ (ئاق ئۆي دېگەن يەرلىك ئادەم)

4. يوقارقى ئەھۋاللاردىن باشقا، ”شۇ نەرسىنىڭ ئىگىسى“ دېگەن بىرلا مەنىنى بىلدۈرىدىغان ياسالما سۆزلەرگە ئورتاق تىلدا پەرقلەندۈرمەيلا «لىك، لۈك، لىق، لۇق» قوشۇمچىلىرى ئولىنىدۇ. خوتەن شىۋىسىدە بولسا خاقانىيە تىلىنىڭ تىل ئادىتى بويىچە «لىگ، لۈگ، لىغ، لۇغ» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىدۇ. توغرىسى شۇ. مەسىلەن:

ئورتاق تىلدا
ھۆرمەتلىك
يۈرەكلىك
ئىۋەتلىك
چىرايلىق
ۋىجدانلىق
ھېسسىياتلىق
خوتەن شىۋىسىدە
ھۆرمەتلىگ
يۈرەكلىگ
ئىۋەتلىگ
چىرايلىغ
ۋىجدانلىغ
ھېسسىياتلىغ
ئورتاق تىلدا
سۆيۈملۈك
كۆيۈشلۈك
كۆيۈملۈك
جۇدۇنلۇق
ئۇقۇمۇشلۇق
ئۇقۇملۇق
خوتەن شىۋىسىدە
سۆيۈملۈگ
كۆيەشلىگ
كۆيەملىگ
جۇدۇنلۇغ
ئۇقۇمۇشلۇغ
ئۇقۇملۇغ

قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:

يار بوسا لىۋەن بوسا،
گەپلىرى تاتلىغ.
تولدامىدا بى يارىم با،
زورىخان ئاتلىغ.
چاچلىرى بۈدۈر- بۈدۈر،
قوشۇما قاشلىغ،
باغدىكى گۇل- غۇنچىدەي،
ئون ئالتە ياشلىغ.

5. باشقا ئەھۋاللار:
خوتەن شىۋىسىدە بەزى سۆزلەرنىڭ كەينىدىكى «لىك، لۈك، لىق، لۇق» قوشۇمچىلىرىنى «لىگ، لۈگ، لىغ، لۇغ» قوشۇمچىلىرى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاڭلىتىدىغان مەنىسىنى ئېنىق پەرقلەندۈرىدۇ. مەسىلەن:
يە(ر)لىك (گۆر)، يە(ر)لىگ (شۇ يەردىن چىققان)؛ ئە(ر)لىك (مەرتلىك، جاسارەت)، ئە(ر)لىگ (ئېرى بار)؛ بالىلىق (نادانلىق، تەنتەكلىك)، بالىلىغ (بالىسى بار)؛ چاچلىق (ئومۇرتقىنى بويلاپ گۆش ئارىسىدا بولىدىغان سېرىق رەڭلىك قاتتىق پەي)، چاچلىغ (چېچى كۆپ) دېگەنگە ئوخشاش.
خوتەن شىۋىسىدە يەنە نەرسە كېرەك ئىسمى بېلەن ياسالغان يەر- جاي ناملىرىدىكى «لىك، لۈك، لىق، لۇق» قوشۇمچىلىرىنىڭ ئاخىرىدىكى تاۋۇشلار ئالماشتۇرۇلماي، ئورتاق تىلدىكى بېلەن ئوخشاش ئەينەن ۋە قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

تەسكەنلىك
چىغانلىق
جىگدىلىك باغ
ئاپتاپلىق كۆل
قۇراملىق ساي
ئايرانلىق

خوتەن شىۋىسىدە يەنە سۆزلەرنىڭ كەينىدىكى «لىك، لۈك، لىق، لۇق» قوشۇمچىلىرىنى «لىگ، لۈگ، لىغ، لۇغ» قوشۇمچىلىرىغا ئالماشتۇر مەنا ئاڭلاتمايدىغان ياكى ئۇ خىل تەلەپپۇزدىكى سۆز يوق بولغان سۆزلەرنى ئالماشتۇرماي قوللۇنىدۇ. مەسىلەن:

تۈپىلىك
تەگلىك
تەڭلىك
ئەڭلىك
مەڭلىگ
ئەتلىگ
كۈزلەگ
كۆزلەگ

شۇنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتۈش كېرەككى، خوتەن شىۋىسىدە بىزى سۆزلەرنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ كەلگەن «لۈك، لۈگ، لۇق، لۇغ» قوشۇمچىلىرىدىكى سوزۇق تاۋۇش «ئا» ياكى «ئە»گە نۆۋەتلىشىپ، «لەك، لەگ، لاق، لاغ» شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ شۇ قوشۇمچە ئۇلىنىپ كەلگەن تۈپ سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ لەۋلەشكەن ياكى لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بولۇشى بېلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن:


شىۋوللاغ (شىۋوللۇق)
بەش كويلاق (بەش كويلۇق)
بۇغداي ئۆڭلەگ (بۇغداي ئۆڭلۈك)
ئۆتلەگ (تەمى، پۇرۇقى كۈچلۈك)
ئوتلاق (يايلاق)
ئوتلاغ (ئوتلۇق)


يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، تىلىمىزدىكى يۇمشاق «گ» تاۋۇشى مۇئەييەن فونىتىكىلىق ۋە مورفولوگىيىلىك رول ئوينايدۇ. يۇقارقى ئەھۋاللار ۋە مىساللارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلغىنىمىزدا، «لىك، لۈك، لىق، لۇق» قوشۇمچىلىرى ئىسىم تۈرلىگۈچى قوشۇمچە، «لىگ، لۈگ، لىغ، لۇغ» قوشۇمچىلىرى ئىسىمدىن سۈلپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بۇ نوقتىدىن يۇمشاق «گ» تاۋۇشىنىڭ تىلىمىزدا خېلى موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشۈنىۋېلىشقا بولىدۇ.
مەن بۇ تاۋۇشنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىلىپبەسىگە كىرگۈزۈپ، مۇۋاپىق ھەرپ بېكىتىپ، تىلىمىزدا رەسمىي قوللۇنۇش زۈرۈر دەپ قارايمەن.چۈنكى بۇ تاۋۇش تىلىمىزغا رەسمىي قوبۇل قىلىنسا، بىرىنچىدىن، يوقارقى شەكىللەردە تۈرلەنگەن ئىسىملار بېلەن ياسالغان سۈپەتلەرنى لىكسىكا جەھەتتىن ئىنىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئورتاق تىلدىكى يوقارقى شەكىللەردە ياسالغان سۆزلەردىكى ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؛ ئۈچۈنچىدىن، ئاخىرى قاتتىق «گ» تاۋۇشى بېلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملارنىڭ تەلەپپۇزىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. بۇ تەكلىۋىم مۇۋاپىقمۇ- يوق؟ تىل شۇناسلارنىڭ ئويلۇشۇپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
(ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىدا)


    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ

    ئاۋات مەزمۇنلار

    二维码