«قۇتادغۇ بىلىگ»دە ئودغۇرمىشنىڭ كىشىلىكى

 
«قۇتادغۇ بىلىگ»دە ئودغۇرمىشنىڭ كىشىلىكى

 
سائادەت چاغاتاي(تۈركىيە)
 
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن


بۇ ماقالىنى يۈسۈف خاس ھاجىب تۇغۇمىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلايمىز
   دىيالوگنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى تۆت پىرسۇناژنى ئۇلارنىڭ رولىغا قاراپ بىر ـ بىرىدىن ئايرىش قىيىن. چۈنكى بۇنىڭدا يېڭى ئەدەبىي ئەسەرلەردە مەۋجۇت پىسىخولوگىيەلىك تىپ پەرقى يوق، پەقەت نام ۋە مەرتىۋە پەرقى بار.  ئەمما، بۇ تىپلار بەزى بابلار ئارقىلىق بىر ــ بىرىدىن ئايرىلغان. مەسىلەن، 13 ~ 20- بابلاردا كۈنتۇغدى بىلەن ۋەزىر ئايتولدىنىڭ دىيالوگىدا دۆلەت ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلۈپ، بىر ھۆكۈمدارنىڭ قانداق ۋەزىپىلىرىنىڭ بارلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تېمىلاردا دۆلەتچىلىك ھەققىدىكى قاراشلار 38-بابقا قەدەر داۋام قىلىدۇ ۋە دۆلەت ئەركانلىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزىلىدۇ. بۇ يەردە ئايتولدىنىڭ ئۆلۈمى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار تېمىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەنىلا دۆلەت تېمىلىرى ھەققىدە سۆھبەت بولىدۇ. بەگلىككە لايىق بىر بەگنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى، ۋەزىرنىڭ، قومانداننىڭ، ئۇلۇغ ھاجىبنىڭ، ئىشىك ئاغىسىنىڭ، ئەلچىنىڭ، پۈتۈكچى(كاتىپ) نىڭ، خەزىدارنىڭ، باش ئاشپەزنىڭ، ئىچىملىك بېشىنىڭ ۋە ئاخىرىدا خىزمەتچىلەرنىڭمۇ بەگلەر ئۈستىدە قانداق ھەقلىرىنىڭ بارلىقى قايتا ــ قايتا ساناپ ئۆتۈلىدۇ ۋە بۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ تېمىلاردىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئەسەرنىڭ يېرىمىغىچە كۈنتۇغدى، ئايتولدى ۋە ئۆگدۈلمىش دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە دۆلەت خادىملىرى ھەققىدە سۆز قىلىدۇ، بۇ ئۈچ كىشى ھاكىمىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەسەرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا سۆھبەتكە ئودغۇرمىشمۇ قېتىلىدۇ. ماۋزۇلاردىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ بۆلەكتە خەلق تەبىقىسى ۋە ھەر خىل كەسپىي گۇرۇھلاردىن سۆز ئېچىلىدۇ. ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشقا خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرىدۇ، يەنى ئاۋام  بىلەن، پەيغەمبەر ئەۋلاتلىرى بىلەن، ئالىملار، تېۋىپلار، ئەپسۇنچىلار، تەبىرچىلەر(چۈش ئۆرۈگىچىلەر)، مۇنەججىملەر، شائىرلار، سودىگەرلەر، چارۋىچىلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە پىقىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا مەنسۇپ تېمىلارمۇ قولغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۆيلىنىشنىڭ قانداق بولۇشى، پەرزەرنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش، خىزمەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە دەرس بېرىلىدۇ. ئۆگدۈلمىش ئالدىنقى تېمىلاردىمۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلغىنىدەك، بۇ قىسىمدىمۇ دۆلەتنىڭ خەلق تەبىقىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ماۋزۇلارمۇ يۇقىرىقى مەزمۇننىڭ تەركىۋىگە مەنسۇپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى قىسىمدا ئەسلىدە بىز توختالماقچى بولغان ئودغۇرمىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەسەردىكى ۋەقىلىكلەر ۋە بۇ يەرگىچە بولغان تېمىلار ئومۇمەن چۈشىنىشلىك بىر ھالەتتىدۇر. ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدىمۇ سۆزلەنگىنىدەك، تىپلارغا ئايرىش جەھەتتە ھۆكۈمدار كۈنتۇغدى ئادالەتكە، ۋەزىر ئايتولدى دۆلەت ۋە سائادەتكە، ئۇنىڭ ۋارىسى ۋەزىر ئۆگدۈلمىش ئەقىل ــ پاراسەتكە، ئودغۇرمىش قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان. ر. ر. ئارات بولسا ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئودغۇرمىشنىڭ ئاقىۋەتكە ۋەكىللىك قىلغانلىقىنى ئالغا سۈرگەن ۋە بۆ سۆزنىڭ خاتا ئوقۇۋېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان①. ئاقىۋەت ھەققىدە «قۇتادغۇ بىلىگ»دە مۇنداق دېيىلىدۇ : 
0.0
نومۇر

  • ساقلىۋىلىڭ
  • خاتالىق باركەن
  • بىسىپ چىقىرىش
  • باش بەت
  • ئىككىلىك كود

数据统计中,请稍等!

سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ

ئاۋات مەزمۇنلار

二维码