چاغاتاي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىستىمالدىن قېلىشى



چاغاتاي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىستىمالدىن قېلىشى


چاغاتاي تىلى 20-ئەسىىرنىڭ باشلىرىغىچە تۈركى خەلقلەر رايۇنىدا، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ئورتاق ئىشلىتىلگەن بىر خىل ئىپادىلەش كۈچى زور، پاساھەتلىك، يېقىملىق تىل. چىڭگىزخان ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۆزى ئىگەللىگەن رايۇننى ئۇغۇللىرىغا بۈلۈپ سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن، شۇ چاغدا ماۋرە ئۇننھر،يەتتە سۇ رايۇنى ،  پامىر ئەتراپىلىرى ۋە شىنجاڭ رايۇنى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى چاغاتايغا بۇلۇپ  بىرىلگەن. 1242-1306-يىللىرىدا ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى شۇ رايۇندا بىر خانلىق قۇرۇپ«چاغاتاي خانلىغى»دەپ ئاتىغان.چاغاتاي خانلىغى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى يەكەن خانلىغى يىمىرلىگىچە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى بىرمەزگىلگىچە يەنى 20ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە چاغاتاي تىلى قوللۇنۇلغان. بۇمەزگىللەردە قوللۇنۇلغان ئەدەبى تىلنىڭ «چاغاتاي تىلى » دەپ ئاتىلىشى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە ھەر قانداق ھاكىميەت قۇرۇشتىن قەتئى نەزەر «چاغاتاي»دىگەن نامنى ئىزچىل قوللانغانلىغى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

چاغاتاي تىلى قانداقتۇر باشقا بىر خىل تىل بولماستىن بەلكى دەل ئۇيغۇر تىلىدۇر.ئۇيغۇر تىلى بۇ مەزگىللەردە «تۈرۈك تىلى»،«تۇرۇكچە»،«قەشقەر تۈرۈكچىسى » دەپ ئاتىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە «چاغاتاي تىلى»دەپمۇ ئاتالغان.«چاغاتاي تىلى»نىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ ھەم جاھان خەلقى ئىتىراپ قىلغان ھەقىقەت بۇنى بۇيەر دە يەنە سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق،قىزىققىۇچىلار خەمىت تۈمۈرنىڭ «چاغاتاي تىلىدىن مۇپەسسەل بايان» ، خەمىت تۈمۈر، ئابدۇرۇپ پولات ئەپەندىملەرنىڭ 1986-يىلى نەشىر قىلدۇرغان «چاغاتاي تىلى»دىگەن كىتاپلار ۋە باشقا چاغاتاي تىلىغا،شۇنداقلا تىل تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىن كۆرىۋالسا بۇلىدۇ.چاغاتاي تىلى قانداقتۇر  چاغاتاي نامى بىلەن ئاتىلىش بىلەن چاغاتاي زامانىدا شەكىللەنگەن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى بىر مەزگىلدىكى تارىخى،ئجتىمائى،سىياسى سەۋەپلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىغى تەبى ئاپەت،ئىچكى نىزا ۋە تاشقى دۇشمەننىڭ زەربىسىدىن ھالەك بولغاندىن كىيىن غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئىككى تارماققا بۈلۈنۈپ،بىر تارمىغى تۇرپاننى مەركەز قىلغان ھالدا قۇجۇ ئىدقۇت ئۇيغۇر خانلىغىنى،يەنە بىر تارمىغى قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ھالدا قاراخانلا خانلىغىنى قۇردى ھەمدە تىل ۋە مەدەنىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى.بۇ ئىككى خانلىق قۇرۇلغاندا ئىشلىتىلگەن تىل قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئىدى ئەلۋەتتە.

تىل قانداقتۇر قېلىپلاشقان،قاتما ھالەتتە ئەمەس. ئۇ ئۆز مەۋجۈدىيەت تارىخدا ئۆزلىكسىز سىرىتقى تىللارنىڭ  تەسرىنى قۇبۇل قىلىدۇ، فونتىكا، لىكسىكا، گىرامماتكا جەھەتلەردە ئۆزگۇرۇش ياسايدۇ ۋە باشقا تىللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،بۇلۇپمۇ لوغەت تەركىۋىنىڭ بېيىش ھادىسىسى ئۇمۇميۈزلۈك كۇرۇلىدۇ.قاراخانلار خانلىغى ۋە قۇجۇ ئىدىقۇت خانلىغىدىن ئىبارەت ئىككى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھامىيسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا پەيدا بۇلىشى، ئالدى بىلەن بۇ رايۇندا ئەسلىدىنلا ياشاپ كىلىۋاتقان ئالتاي تىللىق خەلىقلەرنىڭ تىل مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرلىكتە قەدىمىقى ئۇيغۇر تىلىنى تاكاموللاشتۇرۇشتەك تىل دىففوزىيە ھادىسى پەيدا قىلدى.قاراخانىلار خانلىغىنىڭ ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلىشى بىلەن ئىككى خىل ئىدلوگىيەنىڭ تەڭ مەۋجۈت بۇلىشى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىككى خىل لىنيەلىك ئۆزگۇرۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى.قاراخانىيلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىردائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ،ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۈكۈمران ئۇرۇندىكى تىل ئورنىغا ئۆتۈشكە باشلىدى ھەمدە ئىسلام دىنى كىتاپلىرىنىڭ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىشى ۋە ئىسلام ئىدلوگىيەسىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئەرەپ پارىس تىللىرنىڭ تەسىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئىپادىلىنىشكە باشلىدى.قارا خانىلار خانلىغىنىڭ قارا قىتانلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىشى،چىڭگىزخاننىڭ ئىستىلاسى ۋە ئۇلارنىڭ غەرىپكە يۈرۈش قىلشى ،قەدىمىقى ئۇيغۇر تىلىغا ئاز بولمىغان ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى.ئەمما ئەسلىدىنلا مەدەنىيەت،تىل-يېزىق جەھەتتە قىتانلار ۋە موڭغۇللاردىن كۆپ ئىلگىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۇلارغا قارىتا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە،ئۇلارنىڭ تىلىنى ھۈكۈمەت ئىشلىرى تىلى ھالىتىگە ۋە ھەتتا سىقىپ چىقىرىش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قۇيۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ مۇھىم ئۇرۇنغا ئىگە قىلدى.چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى بىلەن،ئەسلىدىكى ھۈكۈمەت تىلىدا زور ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ ئەرەپ، پارىس تىللىرى ئامىللىنىڭ ھۈكۈمەت تىلىدا ئىشلىتىلىش سالمىغى تىزلىكتە ئاشتى.مۇشۇ بىر قاتار جەريانلاردا قەدىمىكى ئۇيغۇر تىلىغا موڭغۇل،قىتان،ئەرەپ،پارىس ۋە شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى جۈملىدىن شىنجاڭ رايۇنىدا قەدىمدىن ياشاپ كىلۋاتقان خەلىقلىرىنىڭ تىل ئاممىلىرىنىڭ تامغىلىرى بېسىلدى.ھەمدە  ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكا،لىكسىكا،گىراماتىىكىلىرىدا بىر قاتار ئۆزگۇرۇشلەر بۇلۇپ،قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن مەلۈم پەرىق قىلىىدىغان ئۆتكۈنچى تىل يەنى ئاتالمىش چاغتاي تىلى شەكىللەندى.چاغاتاي تىلى قانداقتۇر يېڭى بىرخىل تىل ئەمەس ئۇ شۇ مەزگىلدە چاغاتاي نامىدا ئاتالغان  ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلغان بىرخىل شەكلىدىنلا ئىبارەت ئىدى خالاس.

چاغاتاي تىلى— لوغەت تەركىۋىدە ئەرەپ ،پارىس،موڭغۇل تىللىرى سۆزلۈكلىىرى كۆپ بۇلىشى،فونتىكا،گىرامماتكا جەھەتتە قەدىمىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن قىسمەن پەرىقلىنىشى،تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى زور،تەڭداش مەنلىك سۆزلۈكلەرنىڭ كۆپ بۇلىش بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.چاغتاي تىلىنىڭ ئالاھىدىلىگى،قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولغان بولغان پەرقى قاتارلىق جەھەتتلەردە بۇ يەردە توختۇلۇپ ئولتۇرمايمىز. بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن تىلشۇناسلار بۇلۇپمۇ چاغاتاي تىلىنى مەخسۇس تەقىق قىلغۇچىلارنىڭ زور كۈچ بىلەن ئىزدىنىشى ئارقىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلمى نەتىجىلەر ۋە ئاساسى جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن كۆزقاراشلار بار.پەقەت شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيۇش زۇرۇركى چاغاتاي تىلى ئەرەپ،پارىس تىللىرى ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلشى جەريانىدا زور ئۆزگۈرۈشلەرنى ياساپ، ئەرەپ،پارىس تىللىرى گىرامماتكىسىنى (فونتىكا،لىكسىكا،گىرامماتكا)مەلۇم دەرىجىدە قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئەرەپ پارىس تىللىرى فوتىكا،لىكسىكىسىنى قەدىمقى ئۇيغۇر ،تۈرۈك تىللىرى ئاساسىدا يۇغۇرۇپ، قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىسى ئۈچۈن ئاساس سالدى. چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان ۋە  قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى بىر بىرلەپ سېلىشتۇرىدىغان بولساق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسىنىڭ دەل چاغاتاي تىلى دەۋرىدە شەكىللىنىشكە باشلىغانلىغىنى بۇلۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى،تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى،غەيرى تۈركى مىللەت تىللىرى تاۋۇشلىرىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى،قاتارلىق بىرقاتار تىل ئۆز گۈرۈش ھادىسلىرىنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە روياپقا چىققانلىغىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. مەسىلەن ئالايلى ئەرەپچە ،پارىسچە سۆزلەرنى ئەينەن تەلەپپۈز قىلىش يۇزىسىدىن بىر قىسىم قونىمالار پارىس تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان.قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ بۇغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى«غ»تاۋۇشىنىڭ «ق»تاۋۇشىغا ئۆزگۈرۈش جەريانى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ بەزىدە «غ»تاۋۇشى بىلەن يەنە بەزىدە «ق»تاۋۇشى بىلەن يېزىلغان.چاغاتاي تىلىدا يەنە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا قوللۇنۇلغان ئەمما ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللۇنۇلمايدىغان بىر قىسىم سۆزلەرمۇ ئۇچۇرايدۇ يەنى ئاجۇن(دۇنيا)، بىتىك،(خەت)، قوماق(ماختانماق) دىگەندەك.پارىس تىلىدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا يىتىپ كەلگەن بولسا بىر قىسىملىرى يىتىپ كىلەلمىگەن:نا- ،بەد- ، پۇرۇش-،خورـ دىگەندەك(يىتپ كەلگەن) ،ئەفشان- ،ئەنگىز-، ئەندازـ، دىگندەك (يىتىپ كىلەلمىگەن).

چاغاتاي تىلىنىڭ قوللۇنۇلغان يىل چېكى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلمىگەن خاس قاراشلىرى بار،بەزىلىەر 12-ئەسىردىن باشلاپ17-ئەسىرگىچە دەپ قارىسا يەنە بەزىلەر 15-16ئەسىرلەردە قوللۇنۇلغان دەپ قارايدۇ،ئەمما زور كۆپچىللىك ئالىملار يەنىلا 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللۇنۇلغان دەپ قارايدۇ. بۇ مەزگىللەر چاغاتاي تىلىنىڭ ئەدەبى تىل سۈپىتىدە قوللۇنۇكلغان يىل چىكى شەكىللىنىش ۋاختى بولسا، مىنڭچە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلغاندىن  تارتىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلى شەكىللەنگىچە بولغان ئۇزۇن بىر مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.چۈنكى چاغاتاي تىلى بىز باشتا دەپ ئۆتكەندەك بىر كۈندە پەيدا بولغان ئەمەس،بەلكى ئۇيغۇر تىلىدا چاغتاي تىلى ئامىللىرىنىڭ كۈرۈلىشكە باشلىغان ۋاختى بىلەن چاغتاي ئامىللىرىنىڭ ئىستمالدىن تەدرىجى يۇقۇلىشى ياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپلاشقان شەكلىنىڭ ھۈجۈتقا چىقان مەزگىلى چاغتاي تىلى دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چاغتاي تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ شەكىللىنىشى يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى چاغاتاي ئامىللىرنىڭ ئاجىزلىشىپ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئۇسۇلدا يېڭى سۆزلۈكلەرنىڭ ياسىلىش ، تىلىمىزدىكى ئەسلىدىكى تەڭداش مەنىلىك سۆزلەرنىڭ قوللۇنىلىشى،روس،ئېنگىلىس،خەنزۇ،ئۆزبىك قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدىن سۆز قۇبۇل قىلىپ ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تىلى گۇرامماتكىسىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش داۋامىدا سۆز بايلىغىمىزنى تەدرىجى بېيىتىش،ھازىرقى زامان تىل تەتقىقاتى پىرىنىسىپلىرىنىڭ ئۆزلىكسىز مۇكەممەللىشىش داۋامىدا تىل يېزىقىمىزغا ئىلمى بولغان تۈزۈتۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ،مۇرەككەپلىكتىن ئاددىلىققا، چۈشۈنىكسىزلىكتىن ئۇقۇم ئېنىق، تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن، ئاممىباپ بۇلۇشقا  قاراپ تەرەققى قىلىش،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مىللى مائارىپىنىڭ جۈش ئۇرۇپ تەرەققى قىلىپ ،ئاتۇش ۋە ئىلىنى مەركەز قىلغان يېڭى مەكەپەرنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئەسلىدىكى دىنى ئۆلىمالار،دىنى مەدىرسلەر كوتىروللىغىدىكى يېپىق تەربىلەش شەكلىگە زەربە بىرىلىپ، پۇتكۇل ئاۋامنى ئويغۇتۇش،يېڭىلىققا كۈچۈش مەخسەت قىلىنغان خەلق مائارىپىنىڭ تەرەققىى قىلىشى نەتىجىسىدە تېزىلىكتە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەكىۋى قىسمىغا ئايلاندى

يۇقۇرىدا چاغاتاي تىلىنىڭ ئىستىمالدىن قېلىش سەۋەبىنى سۆزلەپ بولدۇق ئەمما ، چاغاتاي تىلىنىڭ ئىستىمالدىن قېلىشى ئىنتايىن يۇقۇرى سۆرئەتتە ئەمەللگە ئاشقان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بىر كۈننىڭ ئىچىدە يۇقالغان تىل دىيىشكە بۇلىدۇ(بۇ جۈملىنى چاغاتاي تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ باغلىغنىشى يوق دىگەن مەنىدە چۈشۈنۈشكە بولمايدۇ، پەقەت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي تىلى دىگەن ئىككى ئاتالغۇنىڭ قوللۇنۇش جەرياىنىدىكى زۈرۈرەت ئارقىسىدا شۇنداق ئېلىندى). ئەمدى چاغاتاي تىلى دىگەن ئاتالغۇغا كەلسەك چاغاتاي تۈرۈكچىسى، قەشقەر تۈرۈكچىسى دىگەن ناملار بىلەن قوللۇنۇش بىلەن بىرگە ساپ بولمىغان ياكى بۇزۇلغان ئۇيغۇر تىلىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چاغاتاي تىلى ئەينى زاماندا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش شەرىپى ۋە كەڭ رايۇنلاردا ئىشلىتىلىش شەرىپىگە نائىل بۇلۇش بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت تىلى، موللام_ مەدىرىس تىلى بۇلۇپ قېلىشتىن ئىبارەت بۇ يىتەرسىزىلىك مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەن. بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس چاغاتاي تىلى ئۆز زامانىسىدا ئاۋام ئارىسىدىمۇ كەڭ ئىشلىتىلگەن دىيىلىدىغان قاراشمۇ بار. ئەمما ئالدىنقىسىنى قوللىغۇچىلار كۆپرەك شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەلىل پاكىتلىرىمۇ تۇلۇق ھەم كىشىنى قايىل قىلارلىق. بۇيەردە بارلىق مىساللار ئۈستىدە توختالمايمىز پەقەت چاغاتاي تىلىنىڭ شۇنچە تېز ئىستىمالدىن قېلىشىدىن ئىبارەت بىرلا پاكىت بۇنىڭغا يىتەرلىك.

يىغىپ ئېيىتقاندا چاغاتاي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئىسلام دىنىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئىستىمالدىن قېلىشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە

تەرەققى قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكلىك.

بۇ ماقالەم ئىلگىرى ئىزدىنىش تورىدا ئېلان قىلىنغان.

مەنبە: http://bbs.alkuyi.com/thread-5128-1-3.html

    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ

    ئاۋات مەزمۇنلار

    二维码