مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»
 
(ئەلى غوپۇر)
 
مەھمۇد كاشغەرىي 11-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر تىلشۇناس، تۇلۇق ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرىي، ئالەمشۇمۇل كاتتا ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا پۈتۈلىشىچە، ئۇ 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى قەشقەر توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن كونكرېت ۋاقتى ئېنىقسىز، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرۇلۇق «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆزىنى «ئاتام ھۈسەيىن، بوۋام مۇھەممەد، مەن قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن، ياخشى تەربىيە كۆرگەن شاھزادىمەن» دەپ بايان قىلغان. ئۇ ئۆزىنى «تۈركلەر ئىچىدە تىلىم ئەڭ پاساھەتلىك، بايانلىرىم چۈشىنىشلىك، مۇكەممەل تەربىيە كۆردۈم. ئېسىل نەسەبتىنمەن، نەيزە ئېتىشقا ماھىر، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرنىڭ شەھەر-بازارلىرى ۋە رايۇنلىرىدا بولدۇم» دەپ تۇنۇشتۇرغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن بارسخان (ھازىرقى قىرغىزىستان ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبى) نىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئانىسى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ئالىمى غوجا سەيپىدىن بۇزرۇكۋارنىڭ قىزى بۈۋى رابىيە بولۇپ، بۈۋى رابىيە كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىدىن ياخشى تەلىم ئالغان. ئۇ خېلىلا بىلىملىك بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئۈسۈپ -يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىشى، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت يىتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. بۈۋى رابىيە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوپالغا توتىشىدېغان يول بويىدىكى يىكچى (ھازىرقى توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى تەۋەسىدە) دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ قەبرىسى ھېلىمۇ شۇ يەردە، قەشقەر ئاياللىرى بۇ ھۆرمەتلىك ئانىغا ھېلىمۇ ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرىدۇ. ئۇنى «ئۇلۇغ موما» دەپ ئاتىشىدۇ. ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلەردە ئۇنىڭدىن شاپائەت، ئامانلىق تىلەيدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن ۋە سارايغا يېقىن جايدىكى مەدرىسەدە ئوقۇغان، كېيىن سۇتۇق بۇغراخان زامانىسىدا ئېچىلغان قەشقەر مەدرىسەسىگە ئۇقۇشقا كىرىپ، شۇ زامانلاردىكى مەشھۇر ئۆلىما، مۇدەررىس ھۈسەيىن ئىبى خەلەف كاشغەرىيدىن تەلىم ئالغان. ئىلىم-مەرىپەت تىلى دەپ قارالغان ئەرەب تىلى، پارس تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن. 

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بوۋسىسى، قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى مۇھەممەد بۇغراخان 15 ئاي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، تەختنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە قالدۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. بىراق، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توقال خانىشىدىنمۇ ئىبراھىم دەيدىغان بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ توقال خانىش تەختنىڭ ھۈسەيىنگە قېلىشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۈسەيىن تەختكە ئولتۇرىدىغان مۇراسىم كۈنى سۈيقەست ئىشلىتىپ، قانلىق سىياسى ئۆزگۈرۈش قوزغىغان. ئۇ قولچوماقلىرىنى تاماققا زەھەر سېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئېرى بولمىش مۇھەممەد بۇغراخاننى ئۆزئىىچىگە ئالغان خان ئوردىسى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ئارقىدىنلا ئۇ ئايال يەنە تاغىسى سۇلايماننى بۇغۇپ ئۆلتۈرگۈزگەن. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، ئېرى ۋە قېيىنئىنىسىنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق-توغقانلىرىنىمۇ ئۆلتۈرگۈزۋەتكەن. سۈيىقەستى ئىشقا ئېشىپ سىياسى ئۆزگۈرىشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوغلى ئىبراھىمنى تەختكە ئولتۇرغان. 
0.0
نومۇر

  • ساقلىۋىلىڭ
  • خاتالىق باركەن
  • بىسىپ چىقىرىش
  • باش بەت
  • ئىككىلىك كود

数据统计中,请稍等!

سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ

ئاۋات مەزمۇنلار

二维码