11-ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان

11-ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان


پەرھات جىلان


تۈركىي تىللارنىڭ تەرەققىيات دەۋىرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاشتا ھەرقايسى تىللار تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق راۋاجلىنىشى جەريانلىرىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن،تىلشۇناسلىكتىكى تارىخىي سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئەڭ مۇۋاپىق.تۈرىي تىللارنى شۇ تىللاردا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرگەندە،قەدىمكى تىللارنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرىنى ھەم شۇنداقلا ھازىرقى تىللارنىڭ تەۋەلىك ئورنىنى بىر قەدەر ئىشەنچلىك ئاساسلار بىلەن دەلىللەپ كۆزەتكىلى بولىدۇ. مەلۇمكى،تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەجدادلىرى يىراق ئۆتمۈشتىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شوغۇللىنىپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئەسىرلەر داۋامىدا يايلاق،سۇ قوغلىشىپ،ئۈزلۈكسىز كۆچۈپ يۈرگەن.ئۇنىڭدىن باشقا،تۈرلۈك قەبىلىلەر ۋە ئۇرۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى توختاۋسىز ئۇرۇشلار،ھۆكۈمرانلىق تالىشىش كۈرەشلىرى،يايلاقتىكى خەلقلەرنىڭ ئالمىشىشى ۋە كۆچمەن خەلقلەرنىڭ ھاياتىدىكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان زور سىياسىي-ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەر نەتىجىسىدە،ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرلىشىش ۋە بۆلۈنۈش ھەركەتلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ،يېڭى-يېڭى خانلىقلار ۋە قەبىلىلەر ئىتىپاقلىرى بارلىققا كېلىپ ياكى پارچىلىنىپ،ئۆزگۈرۈپ تۇرغان. قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ ئەنە شۇنداق قوشۇلۇش ۋە بۆلۈنۈش ھەركەتلىرى مۇقەررەر ھالدا ھەر قايسى تىللار ۋە شىۋىلەرنىڭ قوشۇلۇش،بۆلۈنۈش ۋە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدى.نەتىجىدە،ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە تىللار ۋە شېۋىلەرنىڭ خاسلىقى تەدرىجى شەكىللەندى.بۇنداق خاسلىقلارنىڭ پەرقلەندۈرگۈچى ئامىللىرى دەسلەپتە پارچە-پۇرات ھادىسە خاراكتىرلىك ئالامەتلەردە كۆرۈلگەن بولسا،كېيىنچە جەمئىيەتنىڭ تەرققىياتىغا ئەگىشىپ،ئاستا-ئاستا ماھىيەتلىك پەرقلەر ئاساسىدىكى قانۇنىيەتلىك ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈردى.شۇنىڭ بىلەن، مۇئەييەن تارىخىي دەۋردە بىر قاتار تىللار ۋە شېۋىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن بىر قەدەر كەڭ دائىرىدىكى ئورتاق تىل قائىدىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇنداق ئورتاق تىل قائىدىلىرى تەدرىجى تۇراقلىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ،گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى بىر قەدەر پىششىقلانغان ۋە باي لېكسىكا فوندىغا ئىگە بولغان ئەدىبىي تىللارنى شەكىللەندۈردى.بۇنداق ئەدىبىي تىللار ئۆز ن‍ۆۋىتىدە ئېتنىك تەرەققىياتنىڭ مىللىيلىك ئالامەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىدى ۋە ئاخىرى ئورتاق ئەدىبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە زۆرۈر بولغان بۇ مۇھىم شەرتنى ھازىرلىدى. دىمەك مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى تىلنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا ئائىت ئەڭ بۇرۇنقى يازما يادىكارلىقلار دەۋرى 7-ئەسىردىكى كۆكتۈرك خانلىقى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ.ئىلىم ساھەسىدە 《ئورخۇن-يېنسەي تۈرك (رونىك) يېزىقى》دېگەن شەرتلىك نام بىلەن ئاتالغان يېزىق بىلەن پۈتۈلگەن مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىلىرى ئەنە شۇ كۆكتۈرك تىلىغا مەنسۇپ. 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ،ئىلگىرىكى كۆكتۈرك تىلىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق تىلى بولۇپ قالدى.بۇ تىل ئىچىدىمۇ گەرچە قىسمەن شېۋە ئالامەتلىرى ساقلانغان بولسىمۇ،بۇنداق ئالامەتلەر يەنىلا سىسىتېمىلاشمىغان ھادىسە خاراكتىرلىك پەرقلەردىن ئىبارەت بولۇپ،بىر پۈتۈن ئورتاق تىل دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيتى.ئەينى دەۋردىكى مەزكۈر ئورتاق تىل ياۋرۇپا ۋە روسىيە ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىدە 《ئۇيغۇر-ئوغۇز ئەدىبىي تىلى》دېگەن شەرتلىك نام بىلەن ئاتالدى.ئۇيغۇرلارنىڭ يادرو قىسمىنى تەشكىل قىلغۇچى خەلق توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىلاتتى.دىمەك،شۇ دەۋردە 《ئوغۇز》دېگەنلىك《ئۇيغۇر 》دېگەنگە باراۋەر ئىدى.قەدىمكى ئەپسانىۋى ئۇيغۇر قاغاننىڭ 《ئوغۇزخان》دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغىنىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. 8 -9-ئەسىرلەردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت مەڭگۈ تاشلار ئۇيغۇر-ئوغۇز ئەدىبىي تىلىنىڭ دەسلەپكى يازما يادىكارلىقكىرى ھىساپلىنىدۇ.كېيىنكى يادىكارلىقلاردىن《مايتىرى سىمىت》،《ئوغۇزخان》داستانلىرى،《ئالتۇن يارۇق》،《تۇرپان تېكىستلىرى》،《مانىخەيلەرنىڭ تۆۋە دۇئالىرى》قاتارلىقلار بۇ تىلنىڭ بىر قەدەر راۋاجلانغان دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.14-15-ئەسىرلەردە شەرقىي شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن جەنۇپتىكى خاقانىيە تىلىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئەرەپچە- پارىسچە سۆزلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە سىڭىشىپ كىرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى گرامماتىكا،فونىتىكا ۋە لېكسىكا جەھەتلەردە بىر قاتار ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،ئاخىر ئەينى دەۋردە پۈتۈن شىنجاڭغا ئورتاق بولغان 《چاغاتاي ئەدەبىي تىلى》غا قوشۇلدى. قاراخانىلار دەۋرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئوتۇۇرا ئاسىيا رايونىدا ئەمەلىي قوللىنىلغان ئەدەبىي تىلنى تەتقىقاتچىلار شەرتلىك ھالدا 《قارلۇق-ئۇيغۇر 》ياكى 《ئۇيغۇر-قارلۇق》تىلى دەپ ئاتىغان.بۇ تىل خانلىق تەۋەسىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان ئەدىبىي تىل ئىدى. شۇنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى،بۇدەۋردە قارا قوچو(تۇرپان) ۋە بەشبالىق (جىمسار)نى قوش ئاستانە قىلغان ئىدىقۇت خانلىقىدا قەدىمكى تۈرك رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلار دەۋرلىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇر-ئوغۇز ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەنئەنىسى ئىزچىل ساقلانماقتا ئىدى.مىلادىيە 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر،جۈملىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك قايتىدىن تەقسىملىنىش ھادىسىسى يۈز بەردى.بىر قىسىم قەبىلىلەر ئۇيغۇر خانلىقى تەرقبىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ،ھەر تەرەپلەرگە كۆچۈپ كەتتى،يەنە بىر قىسىم ئۇرۇق-قەبىلىلەر باشقا ئېتنىك تۈركۈملەرگە،جۈملىدىن قىرغىزلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى،جۈملىدىن توققۇز ئوغۇز خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بىرلىكىنى بۇزماي،تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى قانداش قەبىلىلەر ياشايدىغانجايلارغا كېلىپ ماكانلاشتى.شۇنىڭ بىلەن،ئۇيغۇر-ئوغۇز ئەدەبىياتى تىلى ئۆزىنىڭ شىۋە ئاساسىنى بۇزمىغان ھالدا تارىخىي تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇردى. 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇررىلىرىدىن ئېتىبارەن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە يەنە بىر قېتىم قايتىدىن تەقسىملىنىش جەريانى كېلىپ چىقتى.ئوغۇز قەبىلىلىرى غەربكە كۆچۈپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمى ۋە خوراسان قاتارلىق جايلاردا بۈيۈك سالجۇقىلار سۇلالىسىنى تىكلىدى ۋە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر-ئوغۇز ۋە كېيىنكى ئۇيغۇر-قارلۇق ئەدەبىي تىللىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئوغۇز-قىپچاق تىلىنى شەكىللەندۈردى.شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ تىل ئاساسىدا يېڭى بىر ئەدەبىي تىل بەرلىققا كەلدى.بۇ تىل غەرب ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىدە 《ئوغۇز-سالجۇق》ياكى《ئوغۇز-تۈركمەن》ئەدەبىي تىلى دېگەن نام بىلەن ئاتالدى. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 11-ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە بارلىق تۈركىي تىللار ئۇيغۇر-ئوغۇز،ئۇيغۇر-قارلۇق ۋە ئوغۇز تۈركمەن دېگەنلەردىن ئىبارەت ئۈچ ئەدەبىي تىلغا مەركەزلەشتى.مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ 《تۈركىي تىللار دىۋانى》ئەنە شۇنداق بىر ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا كاشىغەر (قەشقەر) ۋە بالاساغۇننى قوش ئاستانە قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسىدىكى ئۇيغۇر-قارلۇق ئورتاق تىلى مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن. 11-ئەسىردە تۈركىي تىللار ئىچىدىكى ئاساسلىق پەرق خاقانىيە تىلى بىلەن سالجۇقىي ئوغۇز-تۈركمەنلەر تىلى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن ئىبارەت بولغان. بۇ دەۋردە قىپچاق تىلى گەرچە ئۆزىنىڭ قىسمەن پەرقلەندۈرگۈچى ئالامەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ،تېخى رەسمىي بىر ئەدىبىي تىل بولۇپ ئايرىلىپ بولمىغان بولۇپ،ئوغۇز تىلى ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر شىۋە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولماقتا ئىدى.شۇڭا،بۇ دەۋردىكى ئوغۇزلار ۋە قىپچاقلارنىڭ تىللىرىنى بىر قىسىم ئالىملار بىرلەشتۈرۈپ 《ئوغۇز-قىپچاق تىلى》دەپ ئاتىغان. خاقانىيىلىكلەر ۋە ئىدىقۇت ئاھالىسىنىڭ تىللىرى ئەسلىدىكى پەرق چوڭ بولماسلىق ئاساسىدا راۋاجلىنىپ،كېيىنكى دەۋردە بىر پۈتۈن چاغاتاي ئەدەبىي تىلىغا قوشۇلۇپ،يۇغۇرلۇپ كەتتى ۋە ئاخىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى شەكىللەندۈردى. 《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا ئىپادىلەنگەن تىل شۇ دەۋردىكى قايسى قەبىلىگە مەنسۇپ دېگەن مەسىلە ماھىيەتتە 《قاراخانىلار سۇلالىسىدىكى يېتەكچى قەبىلە قايسى ئىدى؟》دېگەن مەسىلە بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.بۇمەسىلىگە بىر قىسىم ئالىملار《ئۇيغۇر،قارلۇق،ياغما،چىگىل》دېگەن جاۋابلارنى ھازىرلىدى.شۇ بويىچە قارىغاندا،《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا ئىپادىلەنگەن تىلنىمۇ__ئۇيغۇرچە،قارۇقچە،ياغماچە ۋە ياكى چىگىلچە دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن.ئۇنداقتا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تۆت خىل ئېتنىك نامنىڭ زادى قايسى بىرى دىۋان تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ئاتاقلىق رۇس تۈركولوگى ن.ئا.باسكاكوف ئۆزىنىڭ 《تۈركىي تىللار》سەرلەۋھەلىك كاتتا ئىلمىي ئەسىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: 《مەھمۇد كاشىغەرى سېلىشتۇرما ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىدىن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.تىل <دىۋان>دا تۈركىي تىل ياكى خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن تەرىپلەنگەن.شۇنداقلا قىپچاق،ئوغۇز تىللىرىدىن ماتىرىياللار كەلتۈرۈلگەن بولۇپ،بۇ تىللار ئۆز ئارا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىغا كارشى قويۇلۇپ،ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ》.ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: 《ئۇ زاماندىكى ئەدىبىي تىل ئۇيغۇر تىلى ئىدى ياكى ئۇيغۇر-قارلۇق قەبىلىلىرى ۋە ئۇرۇقلىرىدىن تەركىب تاپقان خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى ئىدى》. ئا.سامايلوۋىچ 11-ئەسىردىكى ئەدەبىي تىلنى 《قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار تىلى》دەپ ئاتايدۇ. 《ئۆزبېك تىلىنىڭ تارىخىي گرامماتىكىسى》نىڭ كىرىش كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: 《قاراخانىلار دەۋرىدە ماۋارا ئۇننەھىر ۋە قەشقەردە قارلۇق-ئۇيغۇر ۋە قىسمەن قىپچاق-ئوغۇز ئۇرۇقلىرى تىللىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي ئەدەبىي تىلى مەۋجۇت ئىدى》. مەھمۇد كاشىغەرىبىڭ دىۋانىدا《خاقانىيە تىلى》دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە ھازىرقى ئالىملار《ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى》دەپ ئاتىغان بۇ ئەدىبىي تىلنىڭ ئەمەلىي ئىستىمال قىلىنغان دەۋرى ھەققىدىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئوخشاشمايدۇ.ئەممە قانداقلا بولمىسۇن،《تۈركىي تىللار دىۋانى》ۋە 《قۇتادغۇبىلىك》دۇنياغا كەلگەن 11-ئەسىردىكى ئەدەبىي تىلنى 《ئۇيغۇر-قارلۇق》ياكى《قارلۇق-ئۇيغۇر》دېگەن نام بىلەن ئاتاشقاق قارىتا باشقىچە نۇقتىئىي نەزەرلەر ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.ھالبۇكى،ئاشۇ ئۇيغۇر –قارلۇق ئەدەبىي تىلى 《ئەينى دەۋردىكى كونكىرت قايسى خەلقنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ تىلىدىن ياكى شېۋىسىدىن كېلىپ چىققان؟》دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە،بىر قىسىم ئالىملار بۇ تىلنى ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق دەيدۇ،بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ قارلۇقلارنىڭ تىلى دەيدۇ،بىرقىسىم تۈركولوگلار بۇنى ياغما قەبىلىسىنىڭ تىلى دەيدۇ،ئۆزبېك تىلشۇناسى سالىھ مۇتەللىپوف بولسا،چىگىل قەبىلىسىنىڭ دەپ قەيت قىلىدۇ. بۇ خىل نۇقتئىنەزەرنى خۇلاسىلىگەندە،يەنىلا ئۇيغۇر ۋە قارلۇق دېگەن مەنە چىقىدۇ.ن.ئا.باسكاكوف 《تۈركىي تىللار》ناملىق ئەسىرىدە ياغما ۋە چىگىل قەبىلىلىرىنىڭ تىللىرىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ شېۋىلىرى دەپ كۆرسىتىدۇ.مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزىنىڭ دىۋانىدا ئەينى دەۋردىكى بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى غەربتىن شەرققە قاراپ تەرتىپ بويىچە ئىككى تۈركۈمگە ئايرىپ بىرمۇ بىر تونۇشتۇرىدۇ.بىرىنچى تۈركۈمگە ئايرىلغان قەبىلىلەر:پەچەنەك،قىپچاق،ئوغۇز،يەمەك،باشقىرت،باسمىل،قاي،ياباقۇ،تاتار،قىرغىز.ئىككىنچى تۈركۈمگەكىرىدىغانلىرى:چىگىل،توخسى،ياغما،ئوغراق،چارۇق،چۇمۇل،ئۇيغۇر،تاڭغۇت،خىتاي(قىتان).مەزكۈر قەبىلىلەر تىزىملىكىدە خاتىرىلەنگەن بىرىنچى تۈركۈمدىكىلىرى،يەنى شىمال تەرەپتىكىلىرى ئاساسەن ئوغۇز-قىپچاق تىلى دائىرىسىگە كىرىدۇ.شۇنداق بولغاچقا،خاقانىيە تىلىنىڭ ئىگىلىرىنى جەنۇبتىكى ئىككىنچى تۈركۈمدىن ئىزلەشكە توغرا كېلىدۇ.بۇ تۈركۈمدىكى غەربتىن سانىغاندا چىگىللەردىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان توخسى قەبىلىسى بولۇپ،ئۇلار ئىلى ۋادىسىغا جايلاشقانىدى.ياغمىلار بولسا،ئىلىدىن قەشقەرگىچە بولغان يەرلەرگە تارقالغان.بۇ تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرلار ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇلار كۇچانىڭ شەرقىدىن قۇمۇلغىچە بولغان يەرلەرگە جايلاشقان.ياغما ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇلىرىنىڭ ئارلىقىدا خاتىرىلەنگەن ئوغراق،چارۇق،چۇمۇل قەبىلىلىرى ئېھتىمال قەشقەردىن قارا شەھەرگىچە بولغان ئارلىقتىكى يەرلەردە ياشىغان بولسا كېرەك.بۇ قەبىلىلەر باشقا مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنمايدۇ،شۇنداقلا ئۇلاردىن قالغان يادىكارلىقلارمۇ يوق.شۇڭا، ئۇلارنىڭ خاقانىيە تىلىنىڭ ئىگىلىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنى مەنسۇخ قىلىشقا بولىدۇ.مۇشۇ بويىچە تەھلىل قىلغاندا،قەشقەرنى مەركەز قىلغان خاقانىيە ئۆلكىسىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ياغما قەبىلىسىدىن ئىبارەت بولۇپ چىقىدۇ.دېمەك،《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا 《خاقانىيە تۈركچىسى》دەپ تونۇشتۇرۇلغىنى ۋە دەۋرىمىز ئالىملىرى《ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى》دېگەن شەرتلىك نام بىلەن ئاتىغىنى دەل ئاشۇ ياغما قەبىلىسىنىڭ شېۋىسىنى ئاساس قىلغان ئەدەبىي تىل دېگەن كۆزقاراشنى توغرا دېيىش لازىم. بۇنداق يەكۇن تارىخىي پاكىتلارغا تامامەن ئۇيغۇن.قاراخانىلار خانلىقى قۇرۇلۇشىنىڭ ھارپىسىدا توققۇز ئوغۇز خەلقى تارىم ۋادىسىدا قارلۇقلارنى مەغلۇب قىلغان. شۇ مەزگىلدە ئەنە شۇ توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمى بولغان ياغمالار قەشقەرنى ئىشغال قىلغان ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان 《ھۇدۇدۇلئالەم》ناملىق ئەرەبچە ئەسەرنىڭ مەخسۇس ياغمىلار توغرىسىدىكى 13-بابىدا،ياغمىلارنىڭ يەرلىرى توققۇز ئوغۇزلار ۋە قارلۇقلارنىڭ چېگرىلىغا تۇتىشىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ.شۇنىڭغا ئۇلاپ يەنە: 《ياغمىلارنىڭ خانلىرى توققۇز ئوغۇز خانلىرى بىلەن ئۇرۇقداش》قەيت قىلىدۇ.شۇ بايانلارنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر،ئاتۇش ۋە يەنە قايسىدۇر بىر نامى بىلەن ئېنىق يېزىلماي قالغان شەھەر ياغمىلارنىڭ يۇرتلىرى دەپ كۆرسىتىلىدۇ. 《جوڭگو تارىخىي خەرىتىلىرى》توپلىمىنىڭ 36-،37-بەتلىرىدىكى 《5 دەۋر 10 دۆلەت》(907-960-يىللىرى) خەرىتىسىدە قارلۇقلارنىڭ ماكانى ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبىي بويلىرىدا،ياغمىلار ياشىغان يەرلەر بولسا،پامىر تاغلىرىدىن تارتىپ ئاتۇش،قەشقەر ئەتراپلىرىدىكى جايلاردا كۆرسىتىلگەن.دېمەك،《ھۇدۇدۇلئالەم》دىكى مەلۇلات بىلەن مەزكۈر خەرىتىدە كۆرسىتىلگىنى تامامەن ئوخشاش. 《ھۇدۇدۇلئالەم》نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ۋاڭ جىلەي ئەپەندى كەلتۈرگەن نەقىلدە يەنە: 《مەجمۇئەتۇل تەۋارىخ》تا ياغمىلارنىڭ خانى بۇغراخان دەپ ئاتىلىدۇ ،دەپ كۆرسىتىلگەن.دېمەك،بۇنىڭدىنمۇ خاقانىيە خەلقىنىڭ ياغما ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ،چۈنكى قاراخانىلارنىڭ 《بۇغراخان》دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ خانلىرى قەشقەردە ئىدى. مەھمۇد كاشىغەرى تۈركىي تىللارنى تونۇشتۇرۇپ،ئەينى دەۋردىكى قەبىلىلەردىن تۆۋەندىكىلەرنى 《ساپ تۈركچە تىلدا سۆزلىشىدۇ》دەپ زىكىر قىلىدۇ،بۇلار:ئۇيغۇر،قىرغىز،قىپچاق،ئوغۇز،توخسى،ياغما،چىگىل،ئوغراق چارۇق.دېمەك،بۇنىڭدىن خاقانىيە تىلى،يەنى 《تۈركىي تىلار دىۋانى》دا ئىپادىلەنگەن تىل مانا مۇشۇ قەبىلىلەرنىڭ بىرىگە ياكى بىرقىسمىغا تەئەللۇق دىگەن مەنە چىقىدۇ. يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،《دىۋان》دا ئىپادىلەنگەن تىل ياغما شېۋىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن دېگەن پىكىر بىر قەدەر سالماقلىق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە.مەزكۈر ماقالىنىڭ ئاپتورى خاقانىيە تىلىنىڭ تەۋەلەك مەسىلىسىدىكى ياغما كۆز قارىشىنى توغرا،لېكىن تولۇق ئەمەس دەپ ھىساپلايدۇ. مەھمۇد كاشىغەرى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: 《تىللارنىڭ يېنىكى ئوغۇز تىلى،توغرىسى توخسى ۋە ياغما تىللىرى...》بۇنىڭدا 《يېنىكى》ۋە《توغرىسى》دېگەن ئېنىقلىغۇچىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. 《يېنىك》دېگىنى،ئېھتىمال تەلپپۇز قىلىشقا ئاسان دېگەنلىكنى بىلدۈرسە كېرەك.《توغرا》دېگىنى،شۈبھىسىزكى ئەدەبىي تىل قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭا،توخسى ۋە ياغما قەبىلىلىرىنىڭ تىللىرىنى《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا ئىپادىلەنگەن ئەدەبىي تىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. بىز خاقانىيە تىلىنى ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى دەپ ئاتىدۇق.لېكىن،مەھمۇد كاشىغەرى تۈركىي قەبىلىلەرنى تونۇشتۇرغاندا بولسۇن ۋە ياكى تۈركىي تىللارنى چۈشەندۈرگەندە بولسۇن،قارلۇقلارنى تىلغا ئالمايدۇ.بۇنىڭدىكى سەۋەبنى شۇنداق دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى،11-ئەسىردە قارلۇقلارنىڭ ئۇرۇق-قەبىلىلىرى جىددىيلىك بىلەن خاقانىيە ئاھالىسىگە قوشۇلۇپ،ئۆزلىشىپ كېتىۋاتقان بولغاچقا،مەھمۇد كاشىغەرى ئۇلارنى 《خفقانىيە تۈركلىرى》گە ئوخشىمايدىغان باشقا خەلق دەپ ھىسابلىمىغان بولسا كېرەك،شۇنداقلا،قارلۇق ئۇرۇقلىرىنىڭ تىلى بىلەن قەشقەر ئاھالىسىنىڭ تىلى ئوتتۇرىسىدا تىلغا ئالغۇدەك پەرق كۆرۈلمىگەن بولسا كېرەك. 《تۈركىي تىللار دىۋانى》دىكى مەلۇماتلار بىلەن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي ئېتنىك ۋە تىل تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا،خاقانىيە تىلىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.مەھمۇد كاشىغەرى ئۇيغۇر،قىرغىز،قىپچاق،ئوغۇز قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ تىللىرىنى 《ساپ تۈركچە》دەپ ئاتايدۇ.ئەممە پەققەت ياغما ۋە توخسى تىللىرىنىلا 《توغرا》دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.بۇنداق دىگىنى،ئەلۋەتتە،يېزىق تىلىنىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.مۇشۇ تەبىرگە ئاساسەن بىز 11-ئەسىردىكى قاراخانىلارنىڭ ئەدەبىي تىلىدىن ئىبارەت بولغان ۋە 《تۈركىي تىللار دىۋانى》 دا ئوغۇز چە قىپچاق تىللىرىغا سېلىشتۇرۇلغان خاقانىيە تىلىنى توخسى ۋە ياغما قەبىلىلىرىنىڭ شېۋىلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن دەپ ئېيتالايمىز.



    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ

    ئاۋات مەزمۇنلار

    二维码