خەلقىرا خەۋەر:2011-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنى، بىر دانە جۇڭگۇلۇق ساياھتچىلەر ئولتۇرغان چوڭ ماشىنا 10-چىسىلا چۈشتىن كىيىن شىۋىتسىيە ئوتتىرا قىسمىدىكى رايونغا كەلگەندە ئۆرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.شىۋىتسىيەنىڭ ئوتتىرا قىسمىدىكى ساقچى تەرەپ تۇنۇشتۇرۇپ،بۇ ماشىنا شەھەر ئەتراپىدىكى 18 نۇمۇرلۇق تاش يولدا كېتىۋاتقان ،ئەگرى يولغا كەلگەندە سۈرىتىنىڭ تىز بوپ كىتىشى سەۋەبىدىن كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن.40نەپەر جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىدىن 23 يارىلانغان بولۇپ، ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
شۇ يەرلىك دوختۇرخانا ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ،يارىدارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يارىسى ئېغىر ئەمەس بولۇپ يىنىك دەرىجىدىكى سۆڭەك يارىسى بولۇپ يارا ئەھۋالى مۇقۇم ئىكەن.پەقەت ئاز بىر قىسمىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن لىكىن ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يوق ئىكەن.
ساقچى تەرەپ بۇ ئىشتىن دەسلەپكى قەدەمدە خۇلاسە چىقىرىپ، شوپۇر يولدىن قارىلىدىغان ۋاقىتتا سۈرەتنى ئاستىلاتمىغان،سۈرىتىنىڭ تىز بوپ كىتىشى بۇ ۋەقەنە كەلتۈرۈپ چىققان دەپ كۆرسەتتى.ساقچى تەرەپ بۇ ئىشنى يەنىمۇ ئىنچىكە تەكشۇرەيدۇ
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776