جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-ئىيۇن تېلگېراممىسى سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋېستىرالىيە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر ئالتە قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە، بىرى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان؛ جىنسىي تاجاۋۇز ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن.
ئاۋېستىرالىيە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئېنتىرنېت ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 1500 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن چىقارغان نەتىجە: %17 ئادەم باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان، %12 ئادەم باسقۇنچىلىق قىلىش مۇدىئاسىدا بولغان. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئەمەس.
بۇ بىرلەمشىنىڭ قىزلار خىزمىتى ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىكى قىزلارنىڭ جىنسىي زوراۋانلىق ئۇچراش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلىكىنى قوبۇل قىلىش تەس ئىكەن. ئۇ «سىدنېي باشلامچى ئەتىگەنلىك گېزىتى» مۇخبىرىغا: «ئالىي مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قاتلامدىن كېلىدۇ، تەكشۈرۈش ئۇلارنىڭ كۆپلەپ جىنسىي ھۇجۇم، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان جىنسىي تەلەپلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېدى
| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776