بىزدە زەھەرلىك يىلانمۇ ئۆز بالىسىنى چاقمايدۇ دېگەن گەپ بار,لېكىن فۇجۇۋ ئۆلكىسى ما ۋېي شەھىرىدىكى بىر دادا ئۆز بالىسىنىڭ روھىي كېسىلىنىڭ قايتا قايتا قوزغىلىشىغا چىداپ تۇرالماي ئۆز بالىسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن.
2011.يىلى 6.ئاينىڭ 9.كۈنى چۈشتىن كىيىن ,مەزكۇر رايوندىكى ساقچىلار ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشى بىلەن نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ بىر ياش بالىنىڭ (خى موۋ شىڭ,29 ياش,سىچۆەن ئۆلكىسى نەنچوڭ شەھىرىدىن) باش كۆزى قان ھالدا يەردە ياتقانلىقىنى كۆرگەن.قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەل ۋاقتىدا كېلىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان.
بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە ئوغلى ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ ئۆزىنى كونتىرىل قىلالماي ئەينەك بىلەن بوينىنى كېسىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغان.لېكىن ساقچىلار ئۇنىڭ دۇدۇقلاپ گەپ قىلىشىدىن گۇمانلانغان ھەم بالىنىڭ بوينىدىكى ئەينەكتىن كېسىلگەن ئىز بولماستىن پىچاقتىن كېسىلگەن ئىز ئەكەنلىكىنى كۆرۈپ, بالىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.
ساقچىلار نەق مەيدان تەكشۈرەش جەريانىدا بالا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ قالغان,لېكىن ساقچىلار گۇماندارنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا داۋاملىق قۇتقۇزۇشنى ئېيتقان ,ھەمدا گۇماندارنى نەزەربەنىت ئاستىغا ئالغان.
بىرىنجى قېتىملىق سوراقتىلا خى موۋ بو ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان,ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىيتىشىچە ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ روھىي كېسىلى بولغاچقا ھەر قېتىم قوزغالسا نەرسىلەرنى ئۇرۇپ چاقىدىكەن,مۇشۇ سەۋەپلىك دادا بالا جىق سوقۇشۇپ قالغانكەن,ئىش يۈز بەرگەن كۈنى ,بالىسىنىڭ روھىي كېسىلى يەنە تۇتۇپ نەرسە كېرەك چېقىشقا ,كىيىم كېچەك كۆيدۈرۈشكە باشلىغان ھەم دادىسىنى تىللىغان ,ئۇ قورققىنىدىن تالاغا چىقىپ كەتكەن,كىيىن يېنىپ كىرگىنىدە بولسا ئېرى بالاڭ ئۆلدى ساقچى چاقىر دېگەن.
خى موۋ بونىڭ ئۆزىنىڭ ئىيتىپ بېرىشىچە ,ئۇلار گەپ تالاشقاندا خى موۋ بو ئاچچىقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ بولقا بىلەن بالىسىنىڭ بېشىغا نەچچە قېتىم ئۇرىۋەتكەن كىيىن تېخىمۇ ئەۋزەيلەپ پىچاق بىلەن ئۇنىڭ گېلىنى كەسكەن,بالىمۇ شۇ سەۋەپلىك قان جىق چىقىپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغان.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776