10 يېشىدا كاتتا ئاتامانغا ئايلانغان «ئالۋاستى بالىلار»
بۇ «ئالۋاستى بالىلار» دەپ نام ئالغان بۇ لى شىڭ قېرىنداشلار كىشىلەرنىڭ كۆزىگە 1997-يىلدىن باشلاپ چېلىقىشقا باشلىغان. ئۇلار M16 تىپلىق مىلتىقنى يۈدۈپ يۈرگەن ۋاقىتتا تېخى 8 ياشتا ئىدى. شۇ يىلى 1-ئايدا، بىرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كارېن مىللىتى بىرلەشمە قوراللىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇۋىسىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇلار قورشاۋغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لى شىڭ قېرىنداشلارنىڭ قوماندانلىقىدا بىر مۇنچە خەلق ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، مەغلۇبىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ رەسىم 2000-يىلى تارتىلغان بولۇپ، ئۇلار بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن گازارمىدا ئوينىماقتا.
شۇ قېتىمقى جەڭدىن ئامان قالغان سانسىزلىغان جەڭچىلەر لى شىڭ ئاكا-ئۇكىنى ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توۋ فامىلىلىك قېرىنداشلار ئىلگىرىكى بىرلەشمە ئارمىيىدىن چېكىنىپ، بىرلىكتە «تەڭرى ئارمىيىسى» قۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. بۇ رەسىم 1999-يىلى تارتىلغان. «تەڭرى ئارمىيىسى» نىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قويۇق ئورمان ئىچىدىكى ھەربىي يۈرۈشتە.
شۇنىڭدىن كېيىن، «تەڭرى ئارمىيىسى» ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. 1998-يىلنىڭ ئاخىرى، «تەڭرى ئارمىيىسى» نىڭ ئەزا سانى 500 گە يېتىدۇ. كېيىن جوننى بىلەن لۇبىيە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىدۇ. بۇ رەسىم 2000-يىل تارتىلغان بولۇپ، ھەربىي مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جوننى بىلەن لۇبىيە ۋە «تەڭرى ئارمىيىسى» نىڭ باشقا ئەزالىرى بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە.
ئۇلارنىڭ 2000-يىلدىكى بىر تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى پۈتۈن دۇنيانى تىترىتىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا «تەڭرى ئارمىيىسى» نىڭ 10 نەپەر ئەزاسى تايلاندنىڭ غەربى قىسمىدىكى لاچىيەبۇل شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 500 دىن ئارتۇق ئادەمنى قامال قىلىۋالىدۇ. تايلاند ھۆكمەت ئارمىيىسى ئۇلار بىر كۈن تىركەشكەندىن كېيىن، ئۇلارنى تەسلىم قىلىدۇ.
ئەمما بۇ ئاكا-ئۇكا ئۇزۇن ئۆتمەي، كىشىلەر كۆز ئالدىدىن يوقالغان. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئىلگىرىكىدەك ئورمانلىققا قايتىپ كېلىپ، يەنە قولىغا قورال ئالغان
2006-يىلىغا كەلگەندە بۇلار يەنىلا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 19- كۈنى جوننى بىلەن لۇبىيە «تەڭرى ئارمىيىسى» نى باشلاپ بىرما ھۆكۈمەتكە قورال تاپشۇرۇپ، تەسلىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن، بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رىۋايەتلەردىكى ئىلاھ ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -07 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان