anadiyar.cn - anadiyar online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 44 قېتىم كۈرۈلدى
ئالىملار «يۇلتۇز بالىسى» نى تاشقى پلانېتا ئادىمى دېدى

 

www.alhux.com 
 
بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى سىزىق دانچىسى DNA نىڭ ئەڭ چوڭ پەرق سانى 120. ئەمما مەزكۇر باش سۆڭىكىنىڭ قىممىتى بولسا 800-1000 ئارلىقىدا. بۇ بىر قىسىم نەتىجە، مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، باش سۆكەكنىڭ سىزىق دانچىسى DNA سى ئىنسانلارغا خاس ئەمەس.
 
 
www.alhux.com 
رەسىمدىن ئايانكى، ئىنسانلارنىڭ سىزىق دانچىسى DNA سى نىڭ پەرقى 120، ئاستىدىكى ئايرىم ئايرىم ھالدا نېئاندېرتال ئادىمى ۋە Denisovans ئادىمىنىڭ سىزىق دانچىسى DNA ئەۋرىشكىسى.  Denisovans بولسا بىر شەيئى، ئۇ 2010-يىلى سىبىرىيەدىن بايقالغانىدى. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ئىككى ئەۋرىشكىنىڭ سىزىق دانچىسى DNA سى بىلەن ئادەملەرنىڭ پەرقى 385 كە سېلىتۇرغاندا، نېئاندېرتال ئادىمىنىڭ بىلەن بولغان پەرقى تېخىمۇ كۆپ.
ئەسلى بۇنداق زور پەرق بولماسلىقى كېرەك ئىدى، لېكىن  سىزىق دانچىسى DNA دا خاتالىق يوق ئىكەن. ئىرسىيەتشۇناسلار Denisovans نى ئىنسانلار بىلەن نېئاندېرتال ئادىمىنىڭ ئارىسىدىكى بىر يېڭى شەيئى دەپ ھۆكۈم قىلدى. سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئەڭ ئاستىنقى شىمپەنزىنىڭ سىزىق دانچىسى DNA سى بىلەن ئىنسانلارنىڭ بولغان پەرقىنىڭ 1500 ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. 
 
 
 
www.alhux.com 
 
يۇلتۇز بالىسى (STARCHILD) نىڭ باش سۆڭىكى بولسا ھەقىقىي 900 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى مېكسىكىدىن بايقالغانىكەن. STARCHILD قۇرۇلۇشى بولسا بىر غەيرىي رەسمىي تەشكىلات بولۇپ، 1999-يىلى قۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى يۇلتۇز بالىسى باش سۆڭىكىنىڭ ئىگىسى  راي بىلەن مېلانى ياڭ ئىدى. ئۇلار Lloyd Pye  نى مەزكۇر خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، زادى نېمە سەۋەبنىڭ مۇشۇنداق بىر غەلىتە كۆرۈنۈشلۈك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە باش سۆڭەكنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئېنىقلىماقچى بولدى.
ھازىر يېڭى DNA تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇلتۇز بالىسى باش سۆڭىكى «سىرتقى پلانېتا ئادىمى»  ئىكەن. ئەمدى بارلىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مەزكۇر باش سۆكەڭنىڭ تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭمۇ-ياكى ئەمەسمۇ دېگەننى جەزىملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
 
 
 
www.alhux.com 
 
 
 nur.cn :مەنبە
 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -06 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776