نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1549 قېتىم كۈرۈلدى
قۇرامىغا يەتمىگەن ئۈچ ئۆسمۈر قىزنى ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان نومۇسسىز ئەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : bond.stockstar.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

3700 قېتىمدىن ئارتۇق جىنسىي سودا قىلىش! كورىيەلىك بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئۈچ ئۆسمۈر قىزنى ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلاپتۇ.

كورىيە «مەركەز گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە ئايال جىنىسلار ئائىلە مىنىسترلىقى ۋە سىئول يەرلىك ساقچى نازارىتى يېقىندا مۇنداق دېگەن، ساقچى تەرەپ يېقىندا قورامىغا يەتمىگەن ئۈچ نەپەر ئۆسمۈر قىزنى ئالداپ ئىپپىتىنى سېتىشغا مەجبۇرلاش دېلوسىغا چېتىشلىق بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەرنى قولغا چۈشۈرگەن. كورىيە ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەر بۇ ئۈچ نەپەر ئۆسمۈر قىزنى 3700 قېتىمدىن ئارتۇق قېتىم ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان، ھەمدە شۇ «سودا» ئارقىلىق نەچچە يۈز مىليون ۋون پۇل تاپقان.
ئىگىلىنىشىچە، سۇڭ فامىلىلىك بۇ جىنايەت گۇماندارى 2011 – يىل 6 – ئايدا بىر پاراڭلىشىدىغان تور بېكىتىدە بۇ ئۈچ نەپەر ئۆسمۈر قىز بىلەن تونۇشقان، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، يەنى ئۆيدىن قېيداپ چىقىپ كەتكەن قىزلار ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئالداپ سىئولدىكى بىر جايغا ئېلىپ كەلگەن. كېيىن سوڭ فامىلىلىك بۇ ئەر بۇ ئۈچ قىزنى شۇ ئەتراپتىكى مېھمانخانىلارغا باشلاپ بارغان، ھەمدە ئۇلارنى ئالداش ۋە مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن ئىپپىتىنى سېتىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، 2011 – يىل 8 – ئايدىن 2012 – يىل 11 – ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، بۇ ئۈچ نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىز ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 3700 قېتىمدىن ئارتۇق نومۇسىنى سېتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىر كۈنىگە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە جىنسىي سودا قىلغان. سوڭ فامىلىلىك بۇ قانۇنسىز سودىدىن 400 مىليون ۋون (2.3 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) پۇل تاپقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، سوڭ فامىلىلىك ئەر بۇرۇن بۇ ئۈچ قىز بىلەن تاپقان پۇلنى تەڭ ئارىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغان، بىراق ئىزچىل تۈردە تۈرلۈك باھانە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، زىيانلانغۇچىلار ئىپپىتىنى سېتىپ تاپقان «پۇللار» نى ئۆزى يالغۇز ئىگىلىۋالغان. سوڭ فامىلىلىك يەنە ئۇلارنى ئالداپ، كېيىن ئۇلارغا بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى بېرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ساقچى تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر زىيانلانغۇچى كورىيە ياش ئۆسمۈرلەر پىسخىكىلىق داۋالاش تور بېكىتىدە دەردىنى تۆكۈپ، تارتقان ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى يېزىپ قويغان.
كورىيە ئايال جىنسلا ئائىلە مىنىسترلىقى مۇنداق دېدى، ئۇلار بۇ ئۈچ نەپەر ئۆسمۈر قىزنى پىسخىكىلىق جەھەتتە داۋالىماقچى ئىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203