نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1459 قېتىم كۈرۈلدى
خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى سۇرىيەنى خىمىيىۋى قوراللارنى تېزراق كۆيدۈرۈشكە ئۈندىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: خىمىيىۋى قوراللارنى مەنئى قىلىش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى 31-يانۋاردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرىنى چەتئەللەردە كۆيدۈرۈش مۇساپىسى باشلاندى، بىراق بۇ مۇساپىنىڭ سۈرئىتىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا تېزلىتىش كېرەك.

خىمىيىۋى قوراللارنى مەنئىي قىلىش تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: سۇرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى كۆيدۈرۈش خىزمىتى باشلانغاندىن كىيىن، بۇ تەشكىلات ئىزچىل تۈردە قەرەرلىك ھالدا ئالاقىدار پىلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلماقتا. بىراق سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرىنى چەتئەللەردە كۆيدۈرۈش خەلقئارانىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشىگە موھتاج.

ئەسلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، سۇرىيەدىكى ئەڭ خەتەرلىك بولغان خىمىيىۋى قۇراللار ماتېرىياللىرى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چېگرا سىرتىغا يۆتكەپ چىقىلدى، ئاندىن كىيىن دېڭىزدە كۆيدۈرۈلدى. قالغان خىمىيىۋى قوراللار ماتېرىياللىرى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن ئىلگىرى يۆتكىلىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203