نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1334 قېتىم كۈرۈلدى
چاغاندا تۇغقانلىرىنىڭ لايىق تونۇشتۇرىشىدىن قورقۇپ دوختۇرخانىدا داۋالانماقچى بولغان قىز
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

تېڭ شۈن ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئىككى يىل ئۇدا ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى تەرىپىدىن توي قىلىشقا قىستىلىپ، يەنىلا ياتلىق بولالمىغان 29 ياشلىق قىز ۋاڭ يەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) چاغانغا ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولماستىن ئەكسىچە قورقتى. تۈنۈگۈن ئۇ خەن كوۋ شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق مەركىزىدە كېسەل كۆرسىتىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ھەمدە قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
ۋاڭ يەن بىر شەخسى شىركەتنىڭ مالىيە خىزمەتچىسى بولۇپ، ئادەتتە خىزمىتى بەك ئالدىراش، كىرىمى خېلى يۇقىرى بولسىمۇ، 3 يىل ئىلگىرى يات يۇرتتىكى ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئوغۇل دوست تۇتۇپ باقمىغان. ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا جەم بولۇش تامىقى يىگەندە بىردىنبىر توي قىلىشقا ماس كېلىدىغان بويتاق بولغانلىقى ئۈچۈن 10 نەچچە تۇغقانلىرى تەرىپىدىن سوئال-سوراققا تارتىلغان: مۇۋاپىق بىرەرسىنى تاپتىڭىزمۇ؟ نېمىشقا تاپمايسىز؟ تەلەپنى بەك يۇقىرى قىلىۋالماڭ، يېشىڭىز چوڭايغانسېرى لايىق تېپىش تەسكە توختايدۇ! ئۇ قېتىملىق تاماق 3 سائەت يېيىلدى، ۋاڭ يەن باشتىن-ئاخىر ئۈن چىقارمىدى، ئاخىرىدا قاتتىق ئاچچىقلاپ بايراملىق خۇشاللىقنىمۇ يوققا چىقاردى.
ئۆتكەن يىلى چوڭلار ۋاڭ يەننىڭ تېخىچە بويتاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بەس-بەستە ئۇنىڭغا ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇردى، چاغان مەزگىلىدە لايىق تونۇشتۇرۇش ئەڭ ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىن چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنىگىچە ۋاڭ يەن ئۇچرىشىش ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىشقا باردى. ئۇنىڭ ئەڭ ئىچىنى سىقىدىغان ئىش بولسا تونۇشتۇرۇلغان لايىقلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن، ئاجراشقان، ئوقۇش تارىخى تۆۋەن، ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋالىدىغانلار بار بولۇپ، ۋاڭ يەن ياخشى كۆرىدىغان تىپ ئەمەس ئىدى. لېكىن يۈز كىلەلمەي يەنە ئۇچرىشىشقا بېرىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇچرىشىش ئاسارىتى ئۇنى ئازاپلاپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئۇچرىتالمايدىغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويدى.
”مەن ئۇلارنىڭ ماڭا كۆيىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن چاغان مەزگىلىدە مېنىڭ پەقەت ياخشى ئارام ئالغۇم بار. ھېسىيات مەسلىسىنى ئۆزۈم قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىمەن، ئۇلارنىڭ باش قاتۇرىشىنىڭ ھاجىتى يوق!“تۈنۈگۈن ۋاڭ يەن بىر تەرەپتىن يىغلاپ تۇرۇپ دوختۇرغا يۇقارقىلارنى دېدى. ئۇ بۇ يىل چاغاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يەنە ئۇنىڭغا ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقى، يەتتە كۈنلۈك ئارام ئېلىشتا ئارام تاپمايدىغانلىقىنى بىلىپ، كېسەل كۆرگۈچى دوختۇر خۇ خوڭتاۋدىن بالنىسىتتا يېتىپ داۋالىنىشنى ئۆتۈنگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆيگە قايتىپ ئۇچرىشىشقا بارمىسىمۇ بولىدۇ، ھەمدە كەسپىي دوختۇرلارنىڭ پىسخىكىلىق يىتەكچىلىك قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
خۇ خوڭتاۋ مۇنداق دېدى، ”ئائىلىدىكىلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بەك ئېغىر بولغاچقا ۋاڭ يەندە بايرامدىن قورقۇش كىسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن، بايرامنىڭ ئالدىدا تەشۋىشلىنىپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن. لېكىن كەسپىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ پىسخىكا ھالىتىنىڭ تېخى دوختۇرخانىدا داۋالانغۇدەك ئېغىر ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىدۇق. ۋاڭ يەن تۇغقانلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ئۆيگە قايتىپ چوڭلار بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىشى، دادىللىق بىلەن باشقىلار ئورۇنلاشتۇرغان ئۇچرىشىشلارنى رەت قىلىشى كېرەك.“
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203