نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1244 قېتىم كۈرۈلدى
كورىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەنى تېررورچى دۆلەت دېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

كورىيە بىرلەشمە ئاگىنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، ياپونىيە ئۆي مۈلۈك ئەمەلدارى گۈەن يىۋېينىڭ پايونيىلىك ئەمەلدار يېتىڭ بوۋىننى قەسىتلەپ ئۆلتۈرگەن ئەن جۇڭگىننىڭ ئۆلىمىنى خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان تېررورچىغا ئوخشايدۇ دىگەنلىكىگە قارىتا، كورىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى خۇڭ ۋىنجۇڭ : ئەگەر ئەن يىشى تېررورچى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا يېقىن قوشنىلىرىغا رەھىمسىزلەرچە تاجاۋۇز قىلغان ياپۇنىيە بولسا تېررورچى دۆلەت دىدى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشچە، يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى خۇڭ ۋىنجۇڭ پارتىيە يىغىنىدا يۇقارقى سۆزلەرنى دىگەن.
كورىيەلىكلەر ئەن جۇڭگىننى «ھەققانىيەتچى» دەپ تەرىپلەيدۇ. كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 20- چىسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكىمىتىنىڭ كورىيە مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ئەن جۇڭگىننى «تېررورچى» دەپ ئاتىغانلىقىنى كەسكىن ئەيىبلىدى. كورىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا: ئەن جۇڭگىننىڭ ۋەتەننىڭ ئازاتلىقىنى ۋە شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ھەقىقى تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغ شەخس ئىكەنلىكى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقىىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان قەھرىمان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياپونيە ھۆكىمىتىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئۆي مۈلۈك ئەمەلدارىنىڭ «نادانلارچە،تارىخقا قارشى» سۆز قىلىشىنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. بۇ ياپونيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كۈچلەرنىڭ تارىخقا بولغان خاتا قارىشىنىڭ تېخى مەۋجۇتلىقى، ئۆتمۈشتىكى تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى قەستەن پەردازلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كورىيە تەرەپ ياپونىيە ھۆكىمەت قاتلىمىنىڭ ئۆتمۈشتىكى خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەكلىكى ۋە تارىخى مەسىللەرگە توغرا قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئەن جۇڭگىن 1879-يىلى چاۋشيەننىڭ خەيجۇ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى تارىخىدىكى مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ داڭلىق يول باشچىسى. 1894-يىلى جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلغاندىن كىيىن، ياپونيە تاجاۋۇزچىلىقىنى تېزلىتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالغان. ئەن جۇڭگىن باشتا مەكتەپ قۇرۇش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك مەدەنيىەت ھەركىتىنى باشلىغان، كېيىن قەلەمدىن ۋاز كېچىپ، جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالى ۋە روسيەنىڭ يىراق شەرق رايونىغا بېرىپ ياپونغا قارشى تۇرۇش ھەركىتىگە قاتناشقان. 1909-يىلى 10- ئايدا، ئەنجۇڭگىن خاربىن پويىز ئىستانىسىدا ياپونيە مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يېتىڭ بوۋىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئەن جۇڭگىن نەق مەيداندا قولغا ئېلىنغان ۋە 2010-يىلى 3-ئايدا لۈشۈن تۈرمىسىدە ياپونيە ئىشغالىيەتچىىلىرى تەرىپىدىن مەخپى ئۆلتۈرۈلگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203