نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 411 قېتىم كۈرۈلدى
ئاپتوموبىللارغا قوللىنىلىدىغان iOS نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئاشكارىلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.sina.com.cn

مەلۇم بىر ئەپ ئاچقۇچى بۈگۈن ئاپتوموبىللارغا قوللىنىلىدىغان iOS سىستېمىسىنىڭ بىر نەچچە پارچە كۆرۈنمە يۈزى رەسىملىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، رەسىمدىكى كۆرۈنمە يۈز ئۇسلۇبى ئادەتتىكى يول باشلاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغاندەك قىلسىمۇ، بىراق، ئالما شىركىتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۈنۈم رەسىمى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىكەن، بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغۇچى ئۇنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دىمىگەن.
بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغۇچىنىڭ ئىسمىSteven Troughton-Smith بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر مىكروبىلوگىدا ئاپتوموبىللارغا قوللىنىلىدىغان iOS سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى رەسىملىرىنى يوللىغان، بۇ مەزكۇر سىستېما كۆرۈنمە يۈزىنىڭ تۇنجى قېتىم سىرىتقا ئاشكارىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. Steven Troughton-Smith نىڭ كەسپى بولسا ئەپ ئاچقۇچى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ بۇ رەسىملەرنى قەيەردىن تاپقانلىقى نامەلۇم ئىكەن.
iOS in the Car بولسا ئالما شىركىتى بۇلتۇرقى ئەپ ئاچقۇچىلار چوڭ يىغىنىدا iOS 7 بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاپتوموبىللارغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئالما شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ جەھەتتە باۋما، تويويا، ئاۋدى ۋە خوندا قاتارلىق 12 چوڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلغانلىقىنى، بۇ تۈرنى يولغا قويۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ ئاپتوموبىللاردىكى مەركىزى كونىتىرول سىستېمىسىدا iOS ئۈسكۈنىلىرىنى نورمال ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ئەگەر ئاپتوموبىللارغا iOS in the Car سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئۇ ھالدا iPhone قاتارلىق iOS ئۈسكۈنىلىرىنى ئاپتوموبىللار بىلەن نورمال ئۇلىغىلى يەنى سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا خەرىتە، يول باشلاش، مۇزىكا قويۇش ھەتتا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ۋە تېلفون ئۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا يەنە ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئاۋازلىق كامېرا سىستېمىسى بولغان Siri Eyes Free نىمۇ بىرىكتۈرگىلى بولىدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203