نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 2778 قېتىم كۈرۈلدى
رىبېرىينىڭ دوستلىرىمۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدا كىرىستىيانو رونالدونى قوللىماقتا
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-12 -21
  • يوللىغۇچى : ئەزمەت ئېلى
  • مەنبەسى : sports.sina.com.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 
2013-يىلى ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، مانا بۇ يىل ئىچىدە بايرېن كوماندىسىدىكى فرانسىيەلىك چولپان رىبېرىي ئىنىقلا ھەممىنىڭ كۆزىنى چاقناتقان چولپان بولدى. رىبېرىي 2013-يىلى ئىچىدە بايرېن كوماندىسىغا ياردەملىشىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا يەنە گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە گېرمانىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، شۇ سەۋەبتىن رىبېرىيمۇ 2013-يىللىق ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى. يېقىندا فرانسىيەلىك بۇ چولپان يەنە 2013-يىللىق فرانسىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى. بىراق بۇ مۇكاپاتلار رىبېرىينى قانائەتلەندۈرەلمىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلغان
 
Www.AnAdiyar.Cn 
12-ئاينىڭ بېشىدا خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ نامزاتىنى ئىلان قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە كىرىستىيانو رونالدو، مېسسى ۋە رىبېرىيلار بۇ 3 نامزات قاتارىغا كىرگەن. ئەڭ دەسلىپىدە رىبېرىينىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرى دەپ قارالدى ھەمدە قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى، بىراق كىرىستىيانو رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى قالتىس ئىپادىسى، توختىماي توپ كىرگۈزۈشى، بولۇپمۇ دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ قوشۇمچە مۇسابىقىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. ھەتتا پۇتبول شاھى مارادونامۇ ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا: «بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى كىرىستىيانو رونالدوغا بېرىش كېرەك» دېگەن
 
Www.AnAdiyar.Cn 
رىبېرىيچۇ؟ ئۇنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىكى قوللاش نىسبىتى يەنىلا كىرىستىيانو رونالدودىن خېلىلا ئارقىدا قالدى. ھەتتا ئۆزىنىڭ فرانسىيە كوماندىسىدىكى دوستى ساكمۇ ئوچۇق ھالدا: «ئەگەر مەن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى تاللاپ قالسام، مەن چوقۇم كىرىستىيانو رونالدونى تاللايمەن» دېگەن. ساك بولسا فرانسىيە كوماندىسىنىڭ كېلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى تۆھپىكار توپچى بولۇپ، ئۇ قالتىس ئىپادىسى بىلەن فرانسىيە كوماندىسى ئۇكرائىنا كوماندىسىنى شاللاپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىلىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. ساك بۇ سۆزنى قىلغاندىن كېيىن رىبېرىي ئۆزىنىڭ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.
يېقىندا يەنە فرانسىيە داڭلىقلىرىدىن بولغان دىيوركاف ئۆزىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدا كىرىستىيانو رونالدونى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە: «مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىغاندىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھەر مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولدى، مەيلى كۇلۇبتا بولسۇن ياكى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ئۇ ناھايىتى ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇنى چىقىرىۋەتسە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى باشقا بىر كوماندا بوپ قالىدۇ.» دېگەن. فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىمۇ كىرىستىيانو رونالدو ناھايىتى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن رىبېرىينى بېسىپ چۈشكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
يۇقىرىدا ئېيتىلغانلاردىن باشقا يېقىندا يەنە رىبېرىينىڭ يەنە بىر كوماندىدېشى بولغان بايرېن كوماندىسىدىكى گوللاندىيەلىك چولپان روبېنمۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ كىرىستىيانو رونالدوغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتە: «مەن ئەزەلدىن بۇ مۇكاپاتنى ئويلۇشۇپ باقمىغان، گەرچە مەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىمالى بولغانلار تىزىملىكىگە كۆپ قېتىم كىرگەن بولساممۇ، ئەمما دائىم كىرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسى بىلەن باشقىلار رىقابەتكە چۈشتى. بۇ قېتىم رىبېرىي بۇ تىزىملىككە كىردى. بۇ مۇكاپات تۈرى شەخىسكە بېرىلىدىغان مۇكاپات بولغاچقا، مېنىڭچە بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى كىرىستىيانو رونالدو ئالسا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.» دېگەن
 
Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203