نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 1708 قېتىم كۈرۈلدى
فوربېس: رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ CEO سى رۇسىيىدىكى ئەڭ كاتتا بايغا ئايلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : intl.ce.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

رۇسىيە ئاخبارات تورى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى، «فوربېس » ژۇرنىلى ئېلان قىلغان 2013-يىللىق رۇسىيىدىكى 25 نەپەر ئەڭ باي ئىجرا ئەمەلدارى تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى شىيىن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىمى بىلەن مەزكۇر تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغان.
رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى شىيىن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىمى بىلەن «فوربېس » 2013-يىللىق 25 ئەڭ باي ئىجرا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. ئىككىنچى قاتاردا تۇرىدىغىنى بولسا تاشقى سودا بانكىسىنىڭ لېدىرى ئاندىرى . كېسىج بولۇپ ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. ئەمما كېسىج 2012-يىللىق رەت تەرىپىدە مەزكۇر تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغان. ئۈچىنچى قاتاردا تۇرىدىغىنى بولسا رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ئالكىش . مىل بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت بانكىسىنىڭ لېدىرى ئاندىرى ئاجىنوف بىلەن رۇسىيە ئامانەت بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى جېرمان . گېلىف ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 2012-يىلى بىلەن ئوخشاش بولغىنى، مەزكۇر تىزىملىكىنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى بولسا يەنىلا رۇسىيىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىللىق رۇسىيىدىكى ئالدىنقى 25-ئورۇندا تۇرىدىغان ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئومۇمى كىرىمى 325 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر قىممەت 2012-يىلى ئوخشاش قىممەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا %33.3 ئاشقان، شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدىكى، رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى شىيىن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىمى بىلەن مەزكۇر تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203