نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 2157 قېتىم كۈرۈلدى
گېرمانىيىدىكى «مىليونىرلار»نىڭ سانى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇنغا ئۆتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

گېرمانىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيدىكى مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغى بار بايلارنىڭ سانى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 3-ئورۇنغا تىزىلغان.
ئەگەر ياۋرو بويىچە ھېسابلىغاندا، ئومۇمىي مۈلكى 740 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 6 مىليون 105 مىڭ يۈەن)دىن ئاشقان كىشىلەر «مىليونېر» سانىلىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، گېرمانىيىدىكى «مىليونېر بايلار»نىڭ سانى 2012-يىلى 1 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، 2011-يىلىدىكى 951 مىڭدىن %6.7 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇنغا تىزىلغان، بۇ دۇنيادىكى ھەر 12 مىليونېرنىڭ ئىچىدە بىر نەپىرى گېرمانىيىلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، «مىليونېر بايلار»نىڭ سانىدا ئېشىش ئەھۋالى ئەڭ تېز بولغان بىر قانچە دۆلەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو (%14.3)، ئاۋسترالىيە (%15) ۋە كورىيە (%10.9) بولغان بولۇپ، سەۋەبى بولسا ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىدا توختىماستىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن كانادادىكى مىليونېرلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي سانىنىڭ 3/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن بەزىلەر، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مىليونېرلار سانى 2015-يىلى ئەتراپىدا ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، گېرمانىيە ھەتتا ياۋروپادىكى مىليونېرلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىپ بارىدۇ، دەپ بىلدۈرگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203