نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 3697 قېتىم كۈرۈلدى
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : uy.ts.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

مۇتەخەسسىسلەر قۇرۇپ كەتكەن جەسەتنىڭ كىيىمىنى ئاۋايلاپ سالدۇرماقتا

19-نويابر، مۇخبىرنىڭ تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، قەدىمكى تۇرپان مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلىپ ، قەبرىلەردىن چىققان توقۇلما بۇيۇملارنى قوغداش ئۈچۈن ، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئاكادېمىيەسى جۇڭگو يىپەك مۇزىيى ، جىلىن ئۆلكىلىك مۇزېي بىلەن ھەمكارلىشىپ ، سىڭگىم قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ، قۇرۇپ كەتكەن جەسەتلەرنىڭ كىيىمىنى ‹‹سالدۇرىدىكەن ›› .

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئارخېئولوگلار قېزىۋىلىنغان جەسەتكە قارىتا كاربون 14 ئانالىزى ئېلىپ باردى . سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سىڭگىم قەدىمىي قەبرىستانلىقى تەخمىنەن 2200 يىلدىن 2500 يىلغىچە تارىخقا ئىگە بولۇپ ، غەربىي خەن سۇلالىسگە توغرا كېلىدىكەن ، بۇ جەسەت بەلكىم شۇ دەۋردىكى شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالىسى ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرەر ئايال بولۇشى مۇمكىنكەن .
20-نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00 دە ، مۇخبىر تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئانالىز قىلىش تەجرىبىخانىسىدا ، خىزمەت ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈستەلدە كىيىمى سالدۇرۇلماقچى بولغان جەسەتنى كۆردى . خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىم كىيىمى سالدۇرۇلىدىغان جەسەتتىن تۆتى بولۇپ ، بۇنىڭ بىرى ئەرنىڭ جەسىتى ، ئىككىسى ئايالنىڭ جەسىتى ۋە بىرى كىچىك بالىنىڭ جەسىتى ئىكەن .
خادىملار جەسەتنىڭ كىيىمنى ‹‹ سالدۇرۇش ›› جەريانىدا ، سۈرەتكە تارتىپ ، نومۇر قويۇپ خاتىرىلىدى . ئارىسىدىكى بىر ئەر جەسەتنىڭ بېلىدىكى كەمەر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى . بۇ كەمەرنىڭ كەڭلىكى 4 ~ 5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ، كۆك رەڭلىك بولۇپ ، باش قىسىمىغا ناھايىتى نەپىس گۈل چىقىرىلغان ئىكەن . تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا ، بۇ كەمەرنىڭ ئىچى خرۇمدىن ياسالغان بولۇپ ، سىرتى يۇڭلار بىلەن ئورالغان ئىكەن . بەلكىم شىنجاڭنىڭ يەرلىك قوي يۇڭىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىنكەن . مۇتەخەسسىسىلەر بۇ بۇيۇمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ ، دەپ قارىدى .
يەنە بىر ئايال جەسەتنىڭ كىيىمىدىن قىزىل رەڭلىك مارجانلار بايقالغان . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، نەپىس ئىشلەنگەن كەمەر ۋە قىممەتلىك مارجانغا قارىغاندا ، جەسەت ھايات ۋاقتىدا بىرەر ئەمەلدار ياكى سودىگەر بولۇشى مۇمكىنكەن . لېكىن بۇ مەسىلىلەرنى تارىخشۇناسلار ۋە مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئاندىن بېكىتىشكە بولىدىكەن .
جۇڭگو يىپەك مۇزىيى تېخنىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زىچياڭ مۇنداق دېدى : ھازىرقى كىيىمنى ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، تۈرى ئاساسەن پىلاش ، يۇڭ ئىشتان ، يىپەك ياغلىق ، ئۆتۈك قاتارلىقلار بولۇپ ، كىمخاب ، توقۇلما بۇيۇم ، يىپەك، خرۇم قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن ، قىزىل ، كۆك ، يېشىل ، ئاق قاتارلىق رەڭلەردىن تەركىب تاپقان . ئارخېئولوگىيەلىك قىممىتىدىن قارىغاندا ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ .
ۋاڭ زىچياڭ يەنە مۇنداق دېدى : كېيىنكى قەدەمدە جەسەتلەردىن ئېلىنغان كىيىملەرنىڭ توپىسىنى چىقىرىش ، يۇيۇش ، رەڭگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ تالاسى ، توقۇلۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ، 2200 يىللار ئىلگىرىكى شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ھەم شۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىمىز .

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203