نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1477 قېتىم كۈرۈلدى
قىزلار، يىگىتلەرنىڭ بۇ يۈرەك سۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرەلەمسىلەر؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

يۈرىكىدە مېھىر-مۇھەببەت بار ئادەم باشقىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، باشقىلارنىڭمۇ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلەيدۇ. قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش تولىمۇ بەك سەۋىرچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلار يۇمشاق ھەم سىلىق بولغان تاتلىق گەپلەرگە ئىشەنگەچكە، ئوغۇللارنىڭ بەزىبىر قوپاللىقلىرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ...بىز بۈگۈن قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى كۆرۈپ باقايلى:

يىگىت: ماڭا ئىشىنىڭ، مەن چوقۇم سىزنى دۇنيادىكى ئىككىنچى بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىمەن!
قىز: نېمىشقا بىرىنچىسىگە ئەمەس؟
يىگىت: سىزگە ئېرىشسەم ،ئەڭ بەخىتلىك ئادەم مەن بولۇپ قالىمەن-دە!

يىگىت: يامغۇرنىڭ نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
قىز: ياق،نېمىشقا؟!
يىگىت: سىزگە قاراپ بۇلۇتلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ…

يىگىت: خانقىز خاپا بولماي 5يۇەن بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟
قىز: ئېلىڭ،نىمە قىلماقچى ئېدىڭىز؟
يىگىت: ئاپامغا تېلېفۇن بىرىپ،بۇگۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى كۆرگەنلىكىمنى دەي دېگەن!
قىز: ۋىيەي،نىمە دەيدىغاندۇ…

قىز: ئادەمگە نېمىشقا بۇنچىۋالا قارايسىز،خىجىل قىلىپ؟
يىگىت: كەچۇرۈڭ!…مەن بىر سەنئەتكار گۈزەللىكتىن زوق ئېلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك مېجەزىم…
قىز:…

يىگىت: خانقىز، مالال قىلىدىغان بولدۇم!
قىز: تۈزۈت قىلماڭ، نېمە ئىش ئېدى؟
يىگىت: بۇگۈن ئىشلىرىم ئوڭغا ماڭمىغاچقا كەيپىياتىم بەك ناچار. باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، گۈزەللەرنىڭ تەبەسسۇمى ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن، ماڭا قاراپ بىر قېتىم كۈلۈپ قويارلارسىزمۇ؟!…

يىگىت: تازا چارچىغانسىز ھە؟
قىز: نېمىشقا؟
يىگىت: چۈنكى بىر كۈن كاللامدا ئەگىپ يۈردىڭىز…

يىگىت: سىزدىن يول سوراي دېگەن، بولارمۇ؟
قىز: ئەلۋەتتە، نەگە بارماقچى ئىدىڭىز؟
يىگىت: قەلبىڭىزگە....


مەنبەسى : تورخۇمار تورى

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203