نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 2002 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭدىكى 21 ساياھەت كوپىراتىپى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.ts.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى.ئابلىم يىغىندا سۆز قىلماقتا
 

نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-نويابر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ساياھەت بازارلىرىنىڭ تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2013-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش مۇتەخەسسىلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى 318 ساياھەت كوپىراتىپى ۋە 287 ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مېھمانسارايلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

25-نويابر ئاپتونۇم رايون ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى ئابلىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەرتىپكە سېلىشتا، قورغاس ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق 21 ساياھەت كوپىراتىپى، شىنجاڭ قاناس خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ماناس تارماق كوپىراتىپى قاتارلىق 13 ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ تارماق كوپىراتىپلىرىنىڭ تارماق كوپىراتىپى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلد. جۇڭگو ياشلا ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 40 ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى جىنخەيۋەن ئىستىراھەت مېھمانخانىسى قاتارلىق 15 بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسى بىكار قىلىندى. تارىم نېفىت-خېمىيە مېھمانخانىسى قاتارلىق 67 «يۇلتۇز دەرىجىلىك» مېھمانخانا چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلدى، بۇرچىن ناھىيە «سۈتۈڭ» ئىستىراھەت مېھمانخانىسىنىڭ دەرىجىسى تۆت يۇلتۇزدىن ئۈچ يۇلتۇزغا چۈشۈرۈلدى.

تەرتىپكە سېلىشتا، ئايرىم ساياھەت كوپىراتىپى باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنىڭ سۇسلۇقى، ئۆمەكنىڭ ئارخىپ باشقۇرۇشىنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقىدەك ئەھۋاللار بايقالغان. مېھمانخانىلارنى تەرتىپكە سېلىش پائالىيىتى ئارقىلىق مېھمانخانىلارنىڭ يۇلتۇز دەرىجە ئۆلچىمىنىڭ ئورنىغا چۈشمەيۋاتقانلىقى، ئەسلىھەرلىرىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكى، قاتتىق دېتال مۇلازىمىتى بىلەن ماس ھالدىكى يۇلتۇز دەرىجىسىنىڭ ماس كەلمىگەنلىكى، تىجارەت ئۈنۈمىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتكە سەل قاراش، مۇلازىمەتنىڭ ئۆلچەمسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە تازلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار كەسكىن ئىجرا بولمايۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ساغلام ساياھەت كەسپى سۈپەت باشقۇرۇش مېخانىزىمى بەرپا قىلىش، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن سۈپەت مۇلازىمەت ئوبرازىنى تۇرغۇزۇش، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 2012-يىلى «تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېھمانخانىلار ۋە Aدەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى بويىچە مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش پائالىيىتى» نى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، 2013-يىلى ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېھمانخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرغان. مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىلق شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ساياھەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203