نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 1211 قېتىم كۈرۈلدى
گۇگېل CEO سى ئايفوننى ئاندىرويىدقا ئالماشتۇرۇشنى تەكىتلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : mobile.163.com

گۇگېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Eric Schmidt دۈشەنبە كۈنى توردا بىر پارچە تېما ئېلان قىلىپ، ئايفون ئابونتلىرىغا قولىدىكى يانفوننى ئاندىرويىدقا ئالماشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن، ھالبۇكى بۇنىڭ ئۈنۈمى دىگەندەك كۆرۈنەرلىك بولمىغان، ئەكسىچە ئايفون ئابونتلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرىغان. Eric Schmidt ئەپەندى يازغان تېمىنىڭ باش قىسمىدا مۇنداق دىيىلگەن: «مېنىڭ كۆپلىگەن ئايفون ئىشلىتىدىغان دوستلىرىم ھازىر يانفونىنى ئاندىرويىدقا ئالماشتۇرۇشنى باشلىدى.» ئارقىدىن ئۇ يەنە 17 تۈرلۈك قەدەم-باسقۇچلار ئارقىلىق ئايفوننى ئاندىرويىد يانفونىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرگەن.
سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە بولغان ئارىلىقتا، Eric Schmidt يازغان بۇ تېما جەمئىي 1856 قېتىم كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان بولۇپ، 4000 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ تېما ئاستىغا 500 دىن ئارتۇق تورداش ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن تورداشلار Eric Schmidt نىڭ بۇ خىل كۆز-قارىشىنى مەسخىرە قىلىشقان. مەسىلەن، dwight reid ئىسىملىك بىر تورداش يازغان ئىنكاستا مۇنداق دىيىلگەن: « ئەمەلىيەتنى سۆزلىسىڭىزچۇ، Schmidt ئەپەندى، سىزنىڭ ئايفون ئىشلىتىدىغان دوستىڭىز ئەسلا بولۇپ باقمىغان.»
Dean Wallace ئىسىملىك يەنە بىر تورداش مۇنداق دىگەن: «بۇنداق قەدەم-باسقۇچلار ئايفون ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن بەك مۇرەككەپ بىلىنىدۇ، ھېچبولمىغاندا، مەن تونۇيدىغان ئايفون ئىشلەتكۈچىلەر بۇنداق قىلىپ يۈرمەيدۇ.»
TM Yi ئىسىملىك يەنە بىر تورداشنىڭ ئىنكاسىدا مۇنداق دىيىلگەن: «ئايفوننى ئاندىرويىدقا ئالماشتۇرۇش بەك ئاۋارىچىلىق ئىكەن، ئەكسىچە، ئاندىرويىدنى ئايفونغا ئالماشتۇرۇش ئۇنچە قىيىن ئەمەس.»
Simone Leo ئىسىملىك يەنە بىر تورداش بولسا، «Schmidt ئەپەندى، سىز ئەڭ ياخشىسى بۇ تېمىڭىزنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى تاقىۋىتىڭ.» دىگەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203