نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 4715 قېتىم كۈرۈلدى
گازىر چېقىپ ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇر ئۈچ جاننىڭ بېشىغا چىقتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : ndnews.oeeee.com

 نەندۇ تورى 5-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
    يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنا ھەيدەۋېتىپ گازىر چاققان شوپۇر زېھنى بۆلۈنۈپ يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلدى، ۋەقەدە ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. 4-سېنتەبىر ئەنخۇي ئۆلكىسى لىشىن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى جوۋX نى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.
    2013-يىلى 11-ئاۋغۇست كەچتە، جوۋX ۋە گۈەنX ھەيدىگەن «苏D50955» نومۇرلۇق «ئەنكەي» ماركىلىق كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى شەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرىدىن جىياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. كەچ سائەت 11:00 دىن ئاشقاندا رولنى جوۋX ئالدى. ئەتىسى سەھەر سائەت 1:00 لەردە نەنجىڭ-لوياڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 328 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە ۋاڭX ھەيدىگەن «皖K5D881» نومۇرلۇق «ئوۋمەن» ماركىلىق چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسىغا يولۇقتى. ئەينى چاغدا يۈك ماشىنىسىنىڭ سول ئارقا تەرەپ بالونى يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ۋاڭX سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ قائىدە بويىچە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى جىددىي توختاش ئورنىغا چىقىۋاتاتتى. «يانداپ ئۆتۈپ كېتەلەيمەنغۇ، ھېچ ئىش يوق» دەپ ئويلىغان جوۋX گازىر چاققىنىچە ئاپتوبۇسنى ھەيدەۋەردى. ئويلىمىغان يەردىن جوۋX ھەيدىگەن ئاپتوبۇس يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئاپتوبۇستىكى ئىككى يولۇچى نەقمەيداندا ئۆلدى، قالغان يولۇچىلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلاندى، يەنە بىر يولۇچى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇلىيەت جوۋX تە دەپ بېكىتىلدى.
    ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن جوۋX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىپەرۋالىق قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۆلگۈچىلەر ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە داۋالىنىش پۇلىنى تولۇق تۆلەپ بەردى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203