نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 6052 قېتىم كۈرۈلدى
رۇسىيەدە خورلانغان 62 جۇڭگولۇق يۇرتىغا بىخەتەر قايتىپ كەلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

يەر شارى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى لىن شۆدەن خەۋىرى،  ئىش ھەققى تەمىناتى نارازى بولغاچقا ۋە خورلۇققا ئۇچرىغاچقا قۇرۇلۇش ئورنىدىن قېچىپ، يېقىن ئەتراپتىكى تاغقا چىقىۋالغان رۇسىيەدىكى جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەر7- ئاينىڭ 8- كۈنى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى.
7- ئاينىڭ 4- كۈنى، رۇسىيەنىڭ كېمېروۋو ئوبلاستىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سۈيخۇا شەھىرىدىن كەلگەن 62 نەپەر دېھقان تاغقا قېچىپ بېرىۋالغان. جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كېچىلەپ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. 5- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى تاغقا قېچىپ بېرىۋالغان جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەسەللىي بېرىپ، ئۇلارنى تاغدىن چۈشۈشكە دەۋەت قىلغان، ھەمدە ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان.
جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى سۈيخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە خىزمەت ئىشلىشى بىلەن، ئىشلەمچىلەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشقان. رۇسىيە ياللىغۇچى تەرەپمۇ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرىقى ئىشلەمچىلەرنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تەمىنلىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالدىن يۇرتىغا قايتىشىغا قوشۇلغان. 8- ئىيۇل، بارلىق ئىشلەمچىلەر يېڭى سىبىرىيە شەھىرى ئارقىلىق قايتىپ كەلگەن. 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203