نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 4169 قېتىم كۈرۈلدى
بانكا كارتىسىدىن 130مىڭ يۈەن يوقاپ كەتكەن ئايال سوتتا مۇرەسسەلەشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.ifeng.com

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەن خانىم بانكىدىن پۇل ئېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرۇپلا كارتىسىدىكى 130 مىڭ يۈەننىڭ فۇجيەندىن چىقىرىلغان، خەن خانىم بانكىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 1-سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى بانكىغا قويغان، بانكا قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.
14 -ماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوتى 2-سوت ئېچىپ، ئىككى تەرەپنى كېلىشىشكە بۇيرىغان، سوتچى ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشەلمىگەندە ئاندىن ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى يىل 22-فېۋرال، خەن خانىم بانكا كارتىسىدىكى 132800 يۈەن پۇلنىڭ 18 قېتىم ھېساب بېجىرىلىپ، ھەممە پۇلنىڭ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بانكا ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇردىن بىلگەن. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كارتىنىڭ 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن پۇل يۆتكەش قائىدىسىگە ئاساسەن، كېچە سائەت 0 دىن بۇرۇن 50 مىڭ يۈەننى يۆتكىگەن، 20 مىڭ يۈەن نەق پۇل چىقارغان، سائەت 0 دىن كېيىن بولسا يەنە 50 مىڭ يۈەننى يۆتكەپ، قالغان 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى نەق چىقىرىۋالغان. قىسقا ئۇچۇرنى ئەتىگەندە كۆرگەن خەن خانىم دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. خەن خانىمنىڭ قارىشىچە، بانكا ھېسابات باشقۇرۇش ھەققى ۋە باشقا مۇلازىمەت ھەققى يىغقانلىقى ئۈچۈن، پۇل-مۈلك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، بانكىنىڭ قوغدىنىش تەدبىرىنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكى سەۋەبلىك كارتا نومۇر ۋە مەخپىي سىفىرىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ، بانكىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنغان.
خەن خانىم بانكىنىڭ كېلىشتۈرۈش خىزمىتىگە رازى بولمىغانلىقتىن، 1-مارت سوت ئېچىلىپ پۈتۈن مەسئۇلىيەت بانكىغا قويۇلغان، ئەمما بانكا قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، زىياننىڭ %50نى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203