نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 23461 قېتىم كۈرۈلدى
مارالبېشىدىكى ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.qq.com

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرى: 23-ئاپرىل، شىنجاڭنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 كىشى ھەقىقەت ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى؛ ئۇ كۈنى ئۇلار ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى، ئىككى يېگىت قايتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزەلمىدى.....
مارالبېشىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدە قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكى: تاھىر ئەھەت، رىن چاڭجۈ، ليۇ شۈلىياڭ، مەمەتئىمىن ئوبۇل، سۈن چاۋ، قۇربانجان تۇرسۇن، ليۇ مۇ، نۇرمەمەت ئەمەت، جاڭ لىشەن، گۈلبانۇم تۇرسۇن، نۇرمەمەت تۇرسۇن، مېھرىگۈل يۈسۈپ، ئەكبەر ئەنۋەر، مەمەتئىمىن ئابلىمىت، ھۆرىگۈل مەمەت
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئەمەلدار 24-ئاپرىل «يەرشارى گېزىتى» گە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ نەپەر ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى ئادەتتىكىدەك زىيارەت قىلىش داۋامىدا زوراۋانچىلارنىڭ توپلىشىپ چېگرا سىرتىدا ئېقىپ يۈرگەن تېرورلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى سىننى كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى، نەق مەيداندا يەنە كۆپ مىقداردا باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىر يېزىدىكى تونۇش-بىلىشلەر بولغانلىقتىن، خىزمەتچى خادىملار بىر تەرەپتىن قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلىدۇ. دىلو تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ساقچىخانا باشلىقى بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ خادىملىرىنى شۇنداقلا ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى باشلاپ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ئۈچ خىزمەتچى خادىم ئۆلتۈرۈلگەنىكەن. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگۈچىلەرگە زوراۋانچىلار 1.2 مېترلىق پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ، بىردىنبىر قورال ئېلىۋالغان ساقچىخانا باشلىقى ئالتە پاي ئوقنى ئىشلىتىپ بولۇپمۇ، مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىقالمىغان، ھەم بىر ئۆي ئىچىگە سولىنىپ قالغان. زوراۋانچىلار كەينىدىن بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋىلىپ، بېنزىن تۆكۈپ، ئوت قويۇپ، ئۇلارنى تىرىك كۆيدۈرۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن چاۋ (موڭغۇل) مۇ بار ئىكەن.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203