نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 10159 قېتىم كۈرۈلدى
ئالىملار تۇنجى قېتىم يۇقىرى ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ چۆرگىلەش سۈرئىتىنى ئېنىق ئۆلچەپ چىقتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.qq.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى بىلەن ياۋروپا ئىتىپاقى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا،ئامېرىكىنىڭ < يادرولۇق يۇلتۇز> ناملىق ئالەم بوشۇقى تېلىسكوپى ھەم ياۋروپا ئىىتتىپاقى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ XXM نىيۇتون تېلىسكوپىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ چىققان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،ئالىملارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر تال يۇقىرى ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ چۆرگىلەش سۈرئىتىنى ئېنىق ئۆلچەپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ،بۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ زورىيىش جەريانى ھەم تەدرىجىي ئۆزگىرىش جەريانىنىڭ سىرىنى چۈشىنىشكە پايدسى بولىدىكەن.
بۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسسى تەخمىنەن قۇياش ماسسىسىنىڭ 2 مىليون ھەسسىسسى بولۇپ،ئۇنىڭ ئورنى بولسا ئوچاق يۇلتۇز تۈركۈمى چۆرگىلىمە يۇلتۇزلار سېستىمىسى (NGC1365) دا بولۇپ،يەر شارى بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 56 مىليون نۇر يىلى كېلىدىكەن.تەتقىقات خادىملىرى تېلىسكوپ ئارقىلىق ئېرىشىلگەن يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك X نۇرىدىكى تۆمۈر ئاتومى چىقارغان نۇر ئارقىلىق،قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىدىكى ئاكتىپ دېسكىلارنىڭ ھەركىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلغان.ئاكتىپ دېسكا بولسا بىر خىل دېسپىېرسىيىلەنگەن ماددىلاردىن تەركىپ تاپقان،قارا ئۆڭكۈرنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغان تۈزۈلۈشتىن ئىبارەت.
تەتقىقاتچىلار تۆمۈر ئاتومى چىقارغان يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك X نۇرىنىڭ ئېغىر ھالدا ئېغىشىنى بايقىغان بولۇپ،بۇ ئاكتىپ دېسكىنىڭ ئىچكى يېقىنىڭ قارا ئۆڭكۈرگە ناھايىتى يېقىن ئارلىقتا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن،شۇنداقلا يەنە قارا ئۆڭكۈرنىڭ ناھايىتى يۇقىرى تېزلىكتە ئايلىنىدىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىدىكەن.چۈنكى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىگە ئاساسلانغاندا،بۇ قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى قانچە تېز بولسا،ئاكتىپ دېسكىلارنىڭمۇ قارا ئۆڭكۈر بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ شۇنچە يېقىن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە،بۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى نەزەرىيە يول قويغان ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئىكەن.
< يادرو يۇلتۇزى> نىڭ باش ئالىمى،كالىفورنىيە شىتاتلىق تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى فىيونا خارىسسون:< بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقىىشىمىز> دېگەن.
بۇنىڭغا ئالاقىدار تەتقىقات ماقالىسى ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان < تەبىئەت> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203