نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 13925 قېتىم كۈرۈلدى
قول بىلەن ئىكران تۇتقىلى بولىدىغان Space Top 3D كومپىيۇتېرى بارلىققا كەلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ۋاڭيى تورى خەۋىرى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالانتلىق كومپىيۇتېر ئۇستىسى، مىكروسوفىت قوللىنىشچان تېخنىكا بۆلىمىنىڭ پىراكتىكانتى جىنخا لى بۇ يىلقى چوڭ يىغىنىدا ئۆزى كەشىپ قىلغان Space Top 3D كومپىيۇتېرىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلىدى.Space Top كومپىيۇتېرىغا 3D كۆرۈنمە يۈز ۋە 3D مەشغۇلات ئىقتىدارى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئادەم قولى ئارقىلىق كومپىيۇتېر ئىكرانىدىن توربەت، ماتىرىيال، رەسىم ۋە سۈرەتلىك فىلىملەرنى تۇتۇپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارى يىغىن ئەھلىنى تاڭ قالدۇردى.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ سىستېما بىر سۈزۈك بولغانLED ئىكرانى ۋە ئىككى دانە كامىرادىن تەشكىل تاپقان، بىر كامىرا ئادەمنىڭ قول ھەركىتىنى ئىز قوغلىسا، يەنە بىرى كۆزنىڭ ھەركىتىنى پەرق ئېتىدىكەن.
كۆرۈنمە يۈز ۋە ھەرىكەتنىڭ بىرلىشىشى
جىن خالىنىڭ بۇ كومپىيۇتېرى نۆۋەتتە تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا بولسىمۇ، بىراق، بۇ نۆۋەتتىكى كومپىيۇتېر ساھەسىدە بىر قەدەر كەم ئۇچرايدىغان يېڭى بۆسۈش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.بۇيرۇق خاراكتېرلىك كۆرۈنمە يۈزدىن سۈرەتلىك كۆزنەك ۋە ئالما Mac گىچە تەخمىنەن 10 يىل ۋاقىت كەتكەنىدى، Mac دىن iPhone ۋە iPad لەر مەيدانغا كەلگۈچە بولسا يەنە بىر 10 يىل ۋاقىت كەتكەن. ھالبۇكى، جىن خالى بولسا بىر قەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كىشىلەرنى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارغا باشلاپ كىردى.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203