نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 7368 قېتىم كۈرۈلدى
ئالما نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -09
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : .nur.c

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك تۈنۈگۈن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
يەنە ئىگىلىنىشىچە، ئالما ۋە HP ئىككى شىركەتنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسى بولغان Foxconn مۇ (富士康) ئاكتىپلىق بىلەن ئامېرىكىدىكى كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.
Foxconn نىڭ باياناتچىسى Louis Woo تېلېفون زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكىدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى كېڭەيتىپ، ئامېرىكا خېرىدارلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئۇ كونكرېت خېرىدار ئۇچۇرى ۋە پىلانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە Foxconn نىڭ پۈتۈن دۇنيادا 1.6 مىليون خىزمەتچى خادىمى بار، ئۇنىڭدىكى 1.5 مىليوندىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم جۇڭگودا، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ۋە تېكساس شتاتىغا جايلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى بولسا ئاساسلىقى مۇلازىمېتىر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ قۇراشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل.
Louis Woo شىركەتنىڭ كەلگۈسى ئامېرىكىدىكى كەسىپ تەرەققىيات نىشانىغا قارىتا مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ يۇقىرى باھالىق ئادەم كۈچى تەننەرخى پۈتۈن سانائەت لىنىيىسى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەت.
نۆۋەتتە، گەرچە Foxconn نىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكىدا ئالما بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئىككى شىركەت بۇ نۇقتىغا قارىتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203