نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 6136 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىنىڭ 10-ئايدىكى فېدراتسىيە قىزىل رەقىمى 120 مىليارد دوللاردىن ئاشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 13-نويابىر تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 13-نويابىر ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىىشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا فېدراتسىيە مالىيە قىزىل رەقىمى 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 98 مىليارد 500 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئايدا، ئامېرىكا فېدراتسىيە مالىيە كىرىمى تەخمىنەن 184 مىليارد 300 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13 پىرسەنت يۇقىرلىغان، مالىيە چىقىمى 304 مىليارد 300 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 پىرسەنت يۇقىرلىغان.
9-ئاينىڭ ئاخىرى ئاياقلاشقان 2012 مالىيە يىلىدا، ئامېرىكا فېدراتسىيەسىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى جەمئىي 1 تىرلىيۇن 89 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۇدا تۆت مالىيە يىلى تىرلىيۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن. مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى سېلىشتۇرمىسى يەتتە پىرسەنت بولۇپ، 2011 مالىيە يىلىدىكى 8.7 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولغان.
يۇقىرى نوقتىدىن چۈشمەيۋاتقان مالىيە قىزىل رەقىمى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيەسىنىڭ سىجىل رىقابەتكە دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203