ilan
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 175 قېتىم كۈرۈلدى
سۈرىيىدىكى نامايىشچى ئامما باستۇرۇشقا ئۇچرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -28
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : okyan.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى 27-دېكابىر سۈرىيىدىكى ئۈچىنچى چوڭ شەھەر شۇنداقلا توقۇنۇش ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان خۇمىسقا سۈرىيىنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقى تىنچلىق كېلىشىمى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن. دەل شۇ كۈنى ئون مىڭلىغان ئامما كوچىلاردا نامايىش ئېلىپ بېرىپ، پرىزدېنت ئاسسادقا بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئاسساد ھۆكۈمىتىگە چارە كۆرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا يەتمىش مىڭدىن ئارتۇق ئامما قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ساقچى تەرەپنىڭ ئوق چىقىرىش، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

YouTube تورىغا چىقىرىلغان بىر سۈرەتلىك فىلىمدە كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشچىلار

Www.AnAdiyar.Cn

باش شتابى ئەنگلىيىدە بولغان سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 27-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 27-دېكابىر مەملىكەت ئىچىدىكى 15 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىكى ئالتەيلەننىڭ خۇمىس پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. پائالىيەتچى تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، 26-دېكابىردىكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 34 ئادەم قازا قىلغان.

ئەنگلىيە ‹كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى› نىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىدە سۈرىيە ئۆكتىچىلەر تەشكىلاتى، سۈرىيە دۆلەت مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئوساما موناجەدنىڭ ‹ سۈرىيە ھۆكۈمىتى كۈندە 40-50 كىچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش بەدىلىگە، ئاجىزلاشقان دۆلەت ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىققا كۈچەۋاتىدۇ، پۈتكۈل دۇنيا خەلقنىڭ قىرغىن بولۇشىغا قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ!› دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

 

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776