نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 44217 قېتىم كۈرۈلدى
دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق جايلار
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -26
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ھەممىلا ئادەمنىڭ ئازادە ۋە بىخەتەر ماكانغا ئىگە بولالىشى ناتايىن . يەرشارىنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن خەتەر ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. تۆۋەندىكىلەر يەرشارىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق جايلار ، بۇ يەرلەردە ياشاشنى ھەرگىزمۇ خالىمايسىزغۇ دەيمەن؟

 

 

 

ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى داخاراۋى (Dharavi)

  * داخاراۋىنىڭ ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسىگە ئايلانغان ھەم مەينەت ھەم كەڭرى بۇ جاينىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن . داخاراۋىنىڭ ھازىرقى بىرقەدەر ياخشى تەرىپى شۇكى ، قىممەتچىلىككە تولغان بومباي شەھىرىدە ، شۇ يەرنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى تۆۋەن بولۇپ ، ئۇ جايدا تۇرسىڭىز ، ئېيىغا ئاران تۆت دوللارلا ئىجارە ھەققى تاپشۇرىسىز.

 

 

 

 

   داخاراۋى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسى . داخاراۋى تۈرلۈك كىچىك ‹‹ خۇسۇسىي كارخانا ››لارنىڭ ماكانى بولۇپ ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى شۇكى ، داخاراۋى ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 650 مىليون دوللارغا يېتىدۇ . يامغۇر يېغىپ كەلكۈن كەلگەن مەزگىللەردە ، ئۇ يەردە ئىچىملىك سۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ ، ھاجەتخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ ، داخاراۋىنىڭ پاسكىنا مۇھىتى ئاۋامنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ .

 

 

 

 

برازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانىيرو شەھىرىدىكى خېسنىيە

  * خېسنىيە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسىدۇر. خېسنىيە بىر كىلومېتىرلىق دېڭىز قىرغىقى ئىچىدىكى تۆپىلىككە جايلاشقان بولۇپ ، ئىلگىرى كەپىلىك رايون ئىدى، كېيىن تېزلا تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى نامراتلار رايونىغا ئايلانغان. سىز بۇ جاينىڭ ئەھۋالىنىڭ نۇرغۇنلىغان نامراتلار مەھەللىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، چۈنكى بۇ جايدا خىش قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلار، تازىلىق ئەسلىھەلىرى، سۇ تۇرۇبا ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا شەھەر ئەسلىھەلىرى بار.

 

 

 

 

   ئەۋج ئالغان زەھەر سودىسى خېسنىيەنى خەتەرگە پېتىپ قالغان تۇرمۇش رايونىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ خىل ئەھۋال زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توختىماس تىركىشىشلەر ۋە دوقۇرۇشۇش جەڭلىرىنى پەيدا قىلىپ، خەتەرلىك مۇھىتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ جايدىكى 100 مىڭ نوپۇسنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار، ئۆلۈش نىسبىتى بەك يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، خېسنىيە تىك يانباغىردا بولغاچقا، سېيرىلىپ چۈشۈش، تاش گۈمۈرۈلۈش ۋە كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ.

 

 

 

 

كېنىيەنىڭ نايروبى شەھىرىدىكى كىبېرا (Kibera)

   * كىبېرانىڭ مىليونچە ئاھالىسى ئەخلەت تېغىدا ياشايدۇ. ‹‹كىبېرا›› نىڭ نۇبىيە تىلىدىكى مەنىسى ‹‹ئورمان›› بولۇپ، ئۇ مىليونچە خەلقنىڭ ماكانى. بۇ جاي پۈتۈن ئافرىقا بويىچە ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسى دېگەن يامان ئاتاققا ئېرىشكەن. بۇ جايدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىبېرادىن كېتىپ قالغانلارنىڭ سېمونت تاملىق ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇش ھوقۇقى يوق. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپى ئافرىقىدىكى ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى (مۇسۇلمانلار) بولۇپ، ھەر بىر كەپىدە سەككىز ئادەم دۈگدىيىشكىنىچە داق يەردىلا ياتىدۇ.

 

 

 

 

   كىبېرانىڭ ئاران %20 رايونىدىلا توك بار، لېكىن نورمال پاكىز سۇ بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك ئەمەس. كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان دامبا سۈيى خولىرا ۋە كېزىكنىڭ تۈپ مەنبەسى، بۇلغىمىلارنى تازىلاشنىڭ ياخشى بولماسلىقى بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇ جاي ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تەھدىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئۇچراپ تۇرىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي يوق دېيەرلىك. ئېغىر ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەچكە، نامراتلار رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپى ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ كېتىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى جىنايەتچى، ھاراقكەش ۋە باسقۇنچىلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئەرزان باھالىق زەھەرلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەش ۋە يېلىم تاماكىسى چېكىش خاھىشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. ئاقىۋەتتە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قىزلارنىڭ كۈتۈلمىگەندە ھامىلدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئۆرلەپ كەتكەن، بۇ قىزلارنىڭ ئارىسىدا ھامىلە چۈشۈرگۈزمىگەنلەر يوق دېيەرلىك. ھازىر بىر قىسىم خەير – ساخاۋەت ئورگانلىرى ۋە چېركاۋلار بۇ خىل ئەھۋالنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ.

 

 

 

 

زامبىيەدىكى كابۋې

 

  * زامبىيەنىڭ قوغۇشۇن كانلىرى كۆپ بولغاچقا نامى چىققان، بۇ كانلار 1902 – يىلى بايقالغاندىن بۇيان، ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان مەزگىلدە قوغۇشۇن ۋە كادمىيلار كۆپلەپ ئېچىلغان. ھازىر بۇ قوغۇشۇن كانلىرى ئاللىقاچان تاقىۋېتىلگەن، تىجارەت قىلىۋاتقان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىمۇ يوق.

 

 

 

 

   نەچچە ئون يىلدىن بېرى، كابۋې ئاھالىلىرى ئىزچىل قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلدى. بالىلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈشتىن كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ قېنى تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ قويۇقلۇقى نورمال چەكتىن 5 – 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، بۇ خالىغان بىر چاغدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئېلىشى مۇمكىن. يېقىنقى كۈنلەرگە كەلگەندىلا، دۇنيا بانكىسى ئاندىن پۇل ئاجرىتىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى باشلىغان.

 

 

 

 

ئۇكرائىنادىكى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى

 * ھاياتقا تەھدىت سېلىۋاتقان بۇلغىنىش ۋە زەھەرلىنىشنى تىلغا ئالغاندا، ھېچبىرى چېرنوبىلدىن قالغان يادرو رېئاكسىيەسى ھادىسىسىنىڭ ئاسارىتىگە يەتمەيدۇ، ئۇ تەخمىنەن 5 مىليون 500 مىڭ ئادەمنى قالقانبەز راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە دۇچار قىلغان. 1986 – يىلى 26 – ئاپرېل يۈز بەرگەن ئاتوم رادىياتسىيەسى پەيدا قىلغان يادرو رادىياتسىيەسىنىڭ تارقالغان مىقدارى ۋە تەسىرى خىروشىما ۋە ناگاساكى ئاراللىرىدا پارتلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭكىنىڭ 100 ھەسسىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

 

 

 

 

رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىنا

 

   رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان زاۋۇتنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىلورۇسىيەلىك نەچچە مىڭلىغان بالا تېخىچە رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ.

 

 

 

 

دزېرژىنسىك

 

 

   * دزېرژىنسىك رۇسىيەنىڭ تۆۋەنكى نوۋگورود ئوبلاستىدىكى ئوكا دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىزچىل رۇسىيەنىڭ خىمىيە سانائىتى مەركىزى بولۇپ كەلگەن، بۇ جايدا خىمىيەلىك قوراللار ئىشلەپچىقىرىلغان. بۇ جايدىكى كىشىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان ئۆلۈش نىسبىتى ئۇنى دۇنيادىكى بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر شەھەرلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرغان.

 

 

 

 

   دزېرژىنسىكتا، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاران 42 ياش، ئاياللارنىڭ 47 ياش بولۇپ، مۇھىتشۇناسلار بۇنداق يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتىنى زەھەرلىك Dioxin، ھىدروسىئانىد كىسلاتا، قوغۇشۇن ۋە گۈڭگۈرت قىچا گازى قاتارلىق ئورگانىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توختىماي ئىشلەپچىقىرىشتىن كۆرىدۇ، دزېرژىنسىكنىڭ سۈيى تەركىبىدىكى فېنول كىسلاتا ۋە Dioxin نىڭ مىقدارى نورمال چەكتىن 1700 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

 

 

 

برازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدىكى كۇباتاۋ

   * كۇباتاۋنىڭ كۆلىمى 142 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ‹‹ھالاكەت جىلغىسى›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جاينىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەتراپتىكى تاغ ئورمانلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان، يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا تۇغما ئەزا كەمتۈكلۈك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

 

 

 

 

   1984 – يىلى، بىر قېتىملىق نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى شەھەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەن، 200 گە يېقىن ئادەم كۆيۈپ كەتكەن. يېقىنقى كۈنلەرگە كەلگەندىلا، كىشىلەر ئاندىن 1 مىليارد 200 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،  ئورگانىك بۇلغىغۇچى ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۈگىتىشكە باشلىدى. گەرچە بۇ تەدبىرلەر قوللىنىلغان بولسىمۇ، بىراق تۇپراقۋە يەر ئاستى سۈيىگە كەڭ يامراپ كەتكەن بۇلغىمىلارنى تازىلاپ بولۇش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا كۇباتاۋ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدىغان رايونغا ئايلىنىپ قالغان.

 

 

 

 

كامبودژادىكى باسېي تۇرالغۇسى

   * ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا Lu Ban Hap تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ئىجادىيلىققا ئىگە بۇ تۇرالغۇ بىناسى ئىلگىرى كامبودژا ئىمارەتچىلىكىنىڭ گۆھىرى ئىدى.

 

 

 

   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا، شەھەر پىلانلاش مۇدىرى تۆۋەن تەننەرخلىق ئىجتىمائىي تۇرالغۇ ئۆي تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، 300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى باسېي تۇرالغۇسىنى سالدۇرغان. ھالبۇكى، 1979 – يىلىدىن باشلاپ، ئۆيلەر چىرىشقا باشلاپ، قانۇنلۇق ئۆي ئىگىلىرى تۇرالغۇدىن كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ياردەم مەبلىغى بىلەن سېلىنغان بۇ تۇرالغۇ 2500 نامراتنىڭ ئۆيىگە ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە، بېتون ۋە خىش قۇرۇلمىلىق بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پولات چىۋىقلىق بېتون تاملىرى خەتەرلىك يېرىلىپ، ئىچىگە پارازىت ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ كەتتى. بۇ چوڭ بىنانىڭ ھەر قاچان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 2500 ئاھالىنى تىرىك كۆمۈۋېتىش خەۋپى بار.

 

 

سومالىدىكى مۇقدىشۇ (Mogadishu)
 

   * ئوق تېگىپ ئۆتمە – تۆشۈك بولۇپ كەتكەن بۇ دات باسقان كوكاكولا ئېلان تاختىسىغا ساياھەتچىلەرنىڭ مۇقدىشۇدىن ئىبارەت بۇ پارتلاش خاراكتېرلىك شەھەرگە كەلگىنى قارشى ئېلىنىدىغانلىقى يېزىلغان.

 

 

 

 

   1991 – يىلى ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇقدىشۇدىن ئىبارەت بۇ ئىلگىرىكى داڭلىق پورت ھۆكۈمەتكە قارشى لاگېرنىڭ 17 يىللىق تىركىشىشىگە گۇۋاھ بولدى.

   مۇقدىشۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتسىز ئەڭ قالايمىقان شەھەرگە ئايلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە توپىلاڭ. بۇنداق قالايمىقانچىلىق ئۇنىڭ ئەسلى بار بولغان ئاھالىلىرىنى قېچىشقا مەجبۇر قىلغان، مۇقدىشۇنى ھەربىي ئىشلار گۇرۇھىنىڭ كونتروللۇقىغا تاشلاپ بەرگەن. يېقىنقى كۈنلەرگە كەلگەندىلا، يېڭى بىر ئىتتىپاقداش ھۆكۈمەت تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يېڭىدىن قانۇن ۋە تەرتىپ ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203