ئۆي سىرتىدا پائالىيەت قىلغاندا بوۋاقنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى چىنىقتۇرۇش
ۋاقتى: 2016-06-27
ئاۋاتلىقى: 581 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۆي سىرتىدا پائالىيەت قىلغاندا بوۋاقنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى چىنىقتۇرۇش
بوۋاقنى ئېلىپ ئاپتاپقا قاقلىنىش، سىرتقا چىقىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنىڭ بوۋاققا نىسبەتەن پايدىسى كۆپ بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى بوۋاقنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى چىنىقتۇرغىلى بولىدۇ.
بوۋاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك جەمئىيئەت ئالاقىسى:
بىر نەچچە ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەڭ ئاددى جەمئىيەت ئالاقىسى بولسا قاراش، دىققەت قىلىش، ئۆزئارا ئاستا-ئاستا تونۇشقاندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار بوۋاققا كىچىك دوستلىرى بىلەن قول ئېلىشىشنى، پۇتلىرىنى تۇتۇشنى، ئۆزئارا يۈز يېقىشىشنى ئۆگەتسە بولىدۇ.
بوۋاق چاقىرىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدۇ.
ئالاھىدە ئۈگىنىش ئۇسۇلى:
3 ياشتىن ئىلگىرىكى بوۋاقلار كىشىلەر بىلەن ئالاقىلاشقاندىكى نۇرغۇن بىلىم ۋە ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنىلا ئاتا-ئانىسى ئۆگەتمەيدۇ، بەلكى باشقا كىچىك دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا ئېرىشىدۇ، بوۋاقلار ئۆزئارا دوراش ئارقىلىق، بىر خىل ئويۇنچۇقنىڭ كۆپ خىل ئويناش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالىدۇ، نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ، ھەمدە قول سېلىپ مەشغۇلات قىلىشقا تەرەققى قىلىدۇ. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئۆسىدۇ. ئائىلىدە بالا ئويۇنچۇقنى ئىگەللىۋېلىشنى ئادەت قىلىۋالغاندا، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئويۇن ئوينىغاندا مەسىلىگە يولۇققاندا، ئاتا-ئانىلار دائىم ئۇلارنىڭ رايىغا باقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالا باشقىلارنى چۈشىنىشنى ئۆگىنەلمەيدۇ.
بوۋاقلارنىڭ جەمئىيەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش:
ئادەتتە، بالىلار ئۆي سىرتىدا ئوينىغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بىرقەدەر ئەركىنلىك بېرىدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايدۇ، مەسىلەن: چوقۇم باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرلىنىشنى، نۆۋەتلىشىپ ئويناشنى ئۆگىنىۋالىدۇ، يەنە ئۆزى ئامال تېپىپ قانداق قىلىپ باشقىلار بىلەن ئويناشنى، نېمە ئويناشنى تاللاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
زىددىيەت يۈز بەرگەندە، ئۇلار ئۆگەنگەچ ئۆزى ھەل قىلىشقا باشلايدۇ، ھەم كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ، قانداق قىلىپ مۇناسىۋەتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. كىچىك دوستلىرى بىلەن بىرگە ئوينىغاندا، بىرىنچىدىن ئويۇنچۇقنى ئۆزى يالغۇز ئىگەللىۋالمايدۇ، ئىككىنچىدىن باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، باشقا دوسلىرىغا كۈلۈمسىرەش، خۇشاللىق ئاۋازلىرنى چىقىرىش ياكى گەپ قىلىشتەك ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرگەندە، دوستانە مۇئامىلە قىلغاندا، كۆيۈنگەندە، ئاكتىپ ھالدا جەمئىيەت ئالاقىسىنى شەكىللەندۈرگەندە، دوستلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشدۇ، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كوللېكتىپ خۇشاللىقىدىن بەھرلىنەلەيدۇ.
ئەگەر ئۇ باشقىلارنى ئۇرسا، ئويۇنچۇقلىرىنى تارتىۋالسا، دوستلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا ئۇچرايدۇ. ھەرخىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالاقىسى ئىقتىدارىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ، دوستانە بولمىغان بەزى قىلمىشلارنى چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ، بۇ ئارقىلىق دوستلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، بۇخىل ئۆگىنىش پۇرسىتىنىڭ رولىنىڭ ئورنىنى ئائىلە ۋە ئاتا-ئانىلار ئالالمايدۇ.