بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى
ۋاقتى: 2016-06-25
ئاۋاتلىقى: 477 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى
بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىشتىكى 10چوڭ چارە
سۈتتىن ئايرىش ھەقىقەتەنمۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس، ”سۈتتىن ئايرىشتىكى 10چوڭ چارە“نىڭ بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىشتا قىينىلىۋاتقان ئانىلارغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىرىنچى ئۇسۇل__ بۋاق ئويغىنىشتىن بۇرۇن ، ئانا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى پۈتكۈزۈڭ، ئۇنىڭ كارىۋاتتا سىزنى تېپىشىغا پۇرسەت بەرمەڭ ياكى ئۇنتۇلدۇرۇڭ.
ئىككىنچى ئۇسۇل__بوۋىقىڭىزنىڭ ئادەتتىكى مەشغۇلات ۋاقتىنى ئۆزگەرتىڭ، مەسىلەن بوۋىقىڭىز ئادەتتە ئېمىدىغان ۋاقىتتا، ئۇنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىڭ.
ئۈچىنچى ئۇسۇل__بوۋاق يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ ئەممەكچى بولسا، ئۇنىڭغا دادىسى ياكى باشقا ئادەم قارىسۇن، شۇ ئارقىلىق ئانىسىغا تايىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى ئۇسۇل__ دادىسى ياكى باشقىلار بوۋىقىڭىزغا تەڭشەلمە سۈت، ياكى ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان قوشۇمچە يېمەك-ئىچمەك بېرىشكە ئۆزگەرتىڭ.
بەشىنچى ئۇسۇل__قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۈتتىن ئايرىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى كۈتۈپ كەتمەڭ، بوۋاققا بىر مەزگىل ماسلىشىدىغانغا ۋاقىت بېرىڭ، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
ئالتىنچى ئۇسۇل__ بوۋىقىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى سىناپ بېقىڭ، شۇ پۇرسەتتە سۈتتىن ئايرىلغان بوۋاقلارنى ئۇنىڭغا ماختاپ بېرىڭ. ئەگەر باشقا ئوبيېكتىپ سەۋەب بىلەن ئېمىتەلمىگەنلىك سەۋەبىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ.
يەتتىنچى ئۇسۇل__بارا –بارا ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئېمىتىش ۋاقتىنى ئازايتىڭ، پەقەت تويسىلا بولدى قىلىڭ، ھەمدە ھېكايە ئېيتىش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇراڭ.
سەككىزىنچى ئۇسۇل__ ئۇزاق ۋاقىت ئېمىتمەڭ، شارائىتنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئېمىش ۋاقتىنى ئازايتىڭ.
توققۇزىنچى ئۇسۇل__باشقا يېمەكلىكلەردىن پايدىلىنىڭ، مەيلى پىچىنى- پىرەنىك بولامدۇ ياكى باشقا ئىچىملىكلەر بولامدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراڭ.
ئونىنچى ئۇسۇل__بوۋىقىڭىزنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا، بالا ئېمىتىشكە قولايلىق كىيىملەرنى كەيمەڭ، ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ ئالدىدا كىيىم ئالماشتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ.