ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ تۇرمۇشتىكى تەدبىرلىرى

ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ تۇرمۇشتىكى تەدبىرلىرى

ۋاقتى: 2015-10-20 ئاۋاتلىقى: 855 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 1. بالدۇر ئېمىتىش،  دائىم ئېمىتىپ تۇرۇش-سۈت يېتەرلىك بولۇش.   چۈنكى ئېمىتىش ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا،  سۈت بېزىنى غىدىقلاش شۇنچە ياخشى بولىدۇ،  ئالدىنقى بىر نەچچە  كۈندە سۈت  ھەرگىزمۇ يېتەرسىز بولۇپ قالماسلىقى،  ئانا سۈتى ئارقىلىق بېقىشتىن ۋاز كەچمەسلىك  كېرەك.  چۈنكى ئانا يەڭگىگەندىن كېيىنكى 7-2 كۈن بولسا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش،  سۈت مىقدارى كۆپىيىش مەزگىلى،  بۇ مەزگىلدە پەقەت بوۋاقلارنى دائىم ئېمىتىپ بەرگەندە ئانا سۈتى چوقۇم كۆپىيىدۇ.


2. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك،  يېمەكلىك كۆپ خىل بولۇشى كېرەك.  ئانا سۈتى بولسا ئانا تېنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن كەلگەن،  شۇڭا ئېمىتىش مەزگىلدىكىلەر ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېتەرلىك  تولۇقلاپ تۇرۇشى لازىم،  شۇنداق بولغاندىلا ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولىدۇ.  يېمەكلىك تەركىبىدە چوقۇم ئاقسىلنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولۇشى،  ئۇنىڭدىن باشقا يېتەرلىك  مىقداردىكى ئىسسىقلىق،  سۇ،  كالتسىي،  كۆپرەك مىقداردىكى ۋېتامىن بولۇشى،  ئانا چوقۇم تاماق تاللىماسلىقى كېرەك،  بولمىسا ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.  ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانا ھەركۈنى 500 گىرام قارا ئاشلىق، 250 مىللىلىتىر كالا سۈتى،  2 تال تۇخۇم،  500 گىرام كۆكتات،  250 گىرام مېۋە،  50 گىرام ماي شۇنداقلا مۇۋاپىق مىقداردا گۆش،  پۇرچاق تۈرىدىكىلەردىن ئىستېمال قىلىشى كېرەك،  مۇشۇنداق بولغاندىلا يېتەرلىك  مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىك مىقدارىغا چەك قويۇش كېرەك.  سۈت زىيادە سۇيۇق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك،  ئانا ئېمىتىش مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىكى، سۈت تەركىبىدىكى سۇنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشنى ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.


 

بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى يېتەرلىك مىقداردىكى مىنېرال ماددىلار ۋە ۋېتامىنلارغا ئېھتىياجلىق.   ۋىتامىننىڭ  كالتسىي ۋە سۇلفات مېتابولىزىمىنى تەڭشەش رولى بار بولۇپ بوۋاقلار ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر. سىنك بولسا  50 نەچچە خىل ئېنزىمنىڭ تەركىبى، ئۇ كەم بولسا  بوۋاقلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋېتامىننىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارى ئېھتىياجنىڭ 5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىشى كېرەك،  ئاندىن سۈتنىڭ ھەقىقىي تەركىبىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.   ۋىتامىن B2، B12، C،E  قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپ مىقداردا سۈمۈرۈلۈشى كېرەك. ئانا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋېتامىنلار ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

3. كەيپىيات ياخشى بولۇش. ئانا ئامالنىڭ بارىچە ئازادە، خۇشال كەيپىياتىنى ساقلىشى، ئائىلە ئەزالىرى بولۇپمۇ يولدىشى ئۇنىڭغا ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىپ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
4. چارچاپ قېلىشتىن ساقلىنىش.  يېڭىدىن يەڭگىگەن ئايالدا يەڭگىش مەزگىلدە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خوراش ئېغىر بولىدۇ،  ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئاياللار يېتەرلىك  ئارام ئالالمايدۇ، بەزىلىرى يەنە كېچە-كۈندۈز بالا بېقىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا سۈت سۈپىتىگە تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا ئائىلە ئەزالىرى بالىنىڭ پەرۋىش ئشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى،  ئانىغا يېتەرلىك  ئارام ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم. بىراق كارىۋاتتىن چۈشمەسلىككىمۇ بولمايدۇ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەرىكەت بولغاندىلا بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بولىدۇ ۋە شۇنداقلا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشقا ياردىمى بولىدۇ.



5.  ئېھتىياتچانلىق بىلەن دورا ئىشلىتىش. نۇرغۇن دورىلار ئانا سۈتى ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ تېنىگە كىرىدۇ، شۇڭا دورا ئىشلەتكەندە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، دورا ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى دورا چۈشەندۈرمىسىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىش، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى دورىلارنى ئىشلىتىپ سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.  مەسىلەن: ئەندىڭ، مەيجىياۋئەن، يىيەنجىڭ، كېدەييىن، لۈمەيسۇ، سىخۇەنسۇ، خۇاڭئەنلېي، لۈبىڭتەي، ئاتۇپىن، ئاسپىرىن، بېنبابىتۇ قاتارلىقلار.   ئۇنىڭدىن باشقا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئانا بىر قىسىم يۇقۇملۇق،  ۋىرۇسلۇق زۇكام،  جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇپ قالسا بۇنداق ۋاقىتتا بوۋاقلارنى ئېمىتمەسلىك كېرەك.
6. بۇلغىنىشتىن يىراق تۇرۇش. ئېمىتىۋاتقان ئانا تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى،  بۇلغىنىش ئېغىر جايلارغا بارماسلىق، ئامال بار يېڭىدىن بېزەلگەن ئۆيلەردە تۇرماسلىق، پۇرسەت بولسا ئورمانلىق قاتارلىق ھاۋاسى ساپ جايلارغا سەيلىگە بېرىش،  دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن بۇلغانغان كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
خىمىيەلىك يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، قوغۇشۇن،  سىماب، قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار، لەۋ سۇرۇخ قاتارلىق گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى بۇلغىغۇچى ماددىلار قاتارىغا كىرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى