ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاق بالا دائىم قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاغزىغا سالىدۇ

بوۋاق بالا دائىم قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاغزىغا سالىدۇ

ۋاقتى: 2014-05-11 ئاۋاتلىقى: 583 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بوۋاق بالا دائىم قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاغزىغا سالىدۇ 

 

سىزنىڭ بوۋىقىڭىزمۇدىمۇ دائىم قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاغزىغا سالىدىغان ئادەت بارمۇ ؟ بۇ ئادەت ئاتا –ئانىلارغا نۇرغۇن ئەندىشىلەرنى ئېلىپ كەلدى. 

بالىنىڭ دائىم قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاغزىغا سېلىشىدىكى سەۋەپ :

بالىنىڭ دائىم قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاغزىغا  سېلىشى، بوۋاقنىڭ بۇ مەزگىلدىكى بىر خىل يېتىلىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بوۋاق  ئولتۇرۇشنى بىلگەندىن كېيىن كۆرۈش دائىرىسى يېتىپ تۇرۇپ كۆرگەنگە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ. كۆرۈش دائىرىسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ قوللىرىمۇ جانلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇيان –بۇياندىكى نەرسىلەرنى تۇتىدۇ. بۇ ۋاقىت دەل بوۋاقنىڭ نەرسىلەرنى تونۇشتىكى بىخ مەزگىلى. بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقنىڭ كالپۇك قىسمىدىكى نېرۋىلار ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ،  تۇتۇپ باققاندىن كىيىن  يەنە  ئىغېزىغا سېلىپ، يالاپ، چىشلەپ باقىدۇ. ئۇلارنىڭ كالپۇكىنىڭ ئالاھىدە  سېزىش ئىقتىدارى ئارقىلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرلەپ  تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. 

 

خەتىرى : 

 

1.تازىلىقى ياخشى ئەمەس، بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 

2.ئۇچلۇق قىرلىرى بولغان ئويۇنچۇق ياكى نەرسىلەر بوۋاقنىڭ ئېغىزىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. 

3.نەرسىلەر ئاسانلا بوۋاقنىڭ كانىيىدا تۇرۇپ قىلىپ، نەپەس قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

 

تەكلىپ –ئۇسۇللار:

1.بالا دائىم ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنى يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا تازىلىقى ناچار نەرسىلەرنىڭ ئۈچەيدە كېسەللىك پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. زەھەرلىك ياكى خەتەرلىك ئويۇنچۇقلارنى ھەرگىزمۇ ئېغىزىغا سالدۇرماسلىق . مەسىلەن : سىرى بار ياكى قىرلىرى بار ئويۇنچۇقلار. .

2.بالا قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاغزىغا سالغاندا، ئائىلىدىكىلەر بالىغا كەسكىن نەزەردە قاراپ قويۇشى، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ قىلمىشىنىڭ  خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بالا قايتا نەرسىلەرنى ئىغىزىغا سېلىشتىن قورقىدىغان بولىدۇ. 

3.بالىنى تەڭگە قاتارلىق كىچىك نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى ئاتا –ئانىلار دىققەت قىلمىغان چاغلاردا بالا بۇ ھەجمى كىچىك بولغان نەرسىلەرنى ئاغزىغا سېلىۋىلىپ،  كانىيىگە تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4.بالىغا ياخشى بولغان مۇھىت ھازىرلاپ بالىنىڭ دىققىتىنى بۇراش كېرەك.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى