قانداق قىلغاندا «كالا سۈتى خاراكتېرلىك قان ئازلىق»نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-05-16
ئاۋاتلىقى: 868 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قانداق قىلغاندا «كالا سۈتى خاراكتېرلىك قان ئازلىق»نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
1. كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، مەسىلەن، ھايۋاناتلار ئىچكى ئەزاسى، سېرىق پۇرچاق، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر،ۋە ھەرخىل دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلاردا تۆمۈر تەركىبى مول بولۇپ، تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىك، ۋىتامىن C، ئامىنو كىسلاتا، مېۋە قەنتى ۋە ماي كىسلاتاسى ھەمدە تەم تەڭشىگۈچى ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۆمۈرلۈك ياكى تۆمۈر تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى بىرلا ۋاقىتتا غىزالانسا بولىدۇ. قورۇمىلاغىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چاي، قەھۋە، كالا سۈتى، بۇغداي كېپىكى ۋە فىتات قاتارلىقلار تۆمۈرنى سۈمۈرۈشنى تىزگىنلەيدۇ، تۆمۈر تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2.قان ئازلىق ئېغىر بولغانلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، تۆمۈر مول بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش بىلەن بىرگە، تۆمۈرنى كۈچەيتىدىغان يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاش، مەسىلەن، تۆمۈرنى كۈچەيتىدىغان كالا سۈتى، تۆمۈرنى كۈچەيتىدىغان تۇز ۋە تۆمۈرنى كۈچەيتىدىغان پېچىنە قاتارلىقلار.
3.تۆمۈرنى تولۇقلىغاندا، تۆمۈر ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلايدىغان بولغاچقا، ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قەۋزىيەت ياكى ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا تۆمۈرنى ئىچكەندە ئاز مىقداردىن ئىچىش كېرەك، ھەمدە ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا بېرىش كېرەك.