ئاياللار توققۇز سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىسا ئاسانلا سەكتە بولۇپ قالىدۇ
ۋاقتى: 2016-03-19
ئاۋاتلىقى: 719 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى 90 مىڭدىن ئارتۇق 50~79 ياشقىچە بولغان ئاياللارغا قارىتا يەتتە يېرىم يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ شۇنى بايقىدىكى، ھەر كۈنلۈك ئۇيقۇسى توققۇز سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ سەكتە بولۇش خەتىرى يەتتە سائەت ئۇخلايدىغانلارغا قارىغاندا 70 پىرسەنت يۇقىرى بولىدىكەن.
بۇنىڭغا قارىتا، تەتقىقاتچى خادىملار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭ پايدىسىز تەسىرى خورەك تارتىش بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى بايقىدى. بۇ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى سەكتە بولۇش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىنبىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەتقىقاتچى خادىملار يەنە ئادەتتە ئۇيقۇسى كۆپ ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئازايتقاندا سەكتە بولۇش خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسەتتى.