ھامىلىدارلىقنىڭ 33-ھەپتىسىدە ئاتا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 33-ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۆكسىدىن سۈت ئېقىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن ھامىلىدار ئاياللاردا ئاندا-مۇندا مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە يەنە قىسمەن ھامىلىدار ئاياللار بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىق كۆرۈلۈپ كىيىمىگە چاپلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار ئاياللار يولدىشىنىڭ كۆپرەك تەسەللى بېرىشىگە موھتاج. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار بۇ مەزگىلدە ھەر كۈنى ئاخشىمى ئايالىنىڭ قورسىقىنى سىلاپ تۇرۇپ ھامىلىگە گەپ قىلىپ بېرىشى، ھامىلىگە لەرزان ۋە يېقىملىق مۇزىكىلارنى قويۇپ ئاڭلىتىشى لازىم. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ مەزگىلدىكى ھامىلە ئاۋازىنىڭ چاستوتىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان ئەرلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىكەن. ھامىلە سىزنىڭ سىلاپ بېرىشىڭىزنى ۋە گەپ قېلىپ بېرىشىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئايالىڭىز سىزنىڭ ئۇنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىدۇ، ئەر-ئاياللارنىڭ پىسخىك كەيپىياتى ياخشى بولۇشى ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بولغان ناھايىتى ياخشى غىدىقلاش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىنى سىلاپ تۇرۇپ ھامىلىگە گەپ قىلىپ بېرىشىڭىز ھەم ھامىلىگە ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ھەم ئايالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق.