ھامىلىدارلىقنىڭ 20-ھەپتىسى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىش
يانفوندا كۆرۈش
نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن، بۇ مەزگىل ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى ئەڭ ئازادە، ئەڭ روھلۇق مەزگىلى. ھامىلىدار ئايال ئۆزىمۇ خېلىلا روھلىنىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ھامىلىدار ئايالنىڭ ئېغىرلىقى ھەپتىسىگە تەخمىنەن 0.45 كىلوگرام ئەتراپىدا ئاشىدۇ. بالىياتقۇ بارغانسېرى يوغىناپ، قورساق كۆرۈنەرلىك تېشىغا چىقىدۇ. بالىياتقۇنىڭ يوغىنىشى سەۋەبىدىن داس بوشلۇقىدىكى قان تومۇرلار بېسىلىپ ھامىلىدار ئايالنىڭ بەلنىڭ تېگىنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولالماي، پۇتتىڭ ئىششىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇت دۈمبىسى ۋە ئىچكى، تاشقى ئوشۇق قىسمىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. چۈشتىن كېيىن ۋە كەچتە ئىششىش ئېغىرلايدۇ، ئەتىگەندە بىرئاز ياخشىلىنىش بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەينى بېسىۋېلىشى سەۋەبىدىن ئىچىنى بوشىتىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا دائىم قورساق ئاچمىغاندەك ھېس قىلىدۇ، قەۋزىيەت كۆرۈلىدۇ.