ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالا تەشنالىقى ۋە يېڭى مېھماننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىش

بالا تەشنالىقى ۋە يېڭى مېھماننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىش

ۋاقتى: 2015-06-08 ئاۋاتلىقى: 716 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەلقىمىز ئارىسىدا بالا تەشنالىقى ئەنئەنىسى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ۋە قويۇق مىللىي خاراكتېر تۈسىگە ئىگە بولۇپ، مەيلى تۇنجى پەرزەنت بولسۇن ۋە مەيلى ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ياكى كەنجى پەرزەنت بولسۇن، ھەممىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ، بوۋا-مومىلىرىنىڭ، ئاكا-ئاچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەشنالىقى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىچىدە ئانىسىنىڭ ۋۇجۇدىدا بارا-بارا چوڭ بولىدۇ ۋە توققۇز ئاي، توققۇز كۈننى توشقۇزۇپ، قۇتلۇق سائەتتە يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.
بالا تەشنالىقى بەك كۈچلۈك بولغانلاردا ئائىلىدىكىلەر ۋە چوڭلار ئۇلۇغ كۈنلەردە تىلەك تىلەش، مازار سەيلىسىگە قاتنىشىش ۋە باشقا خەلق ئىچىدىكى ئىرىملارنى بېجىرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بالىغا بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر بالا تەشنالىقى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدا بالا قارار تاپسا، ئانا بولغۇچى پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن يېمەك-ئىچمەك، يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئىشلىرىدا بولسۇن ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىدۇ، ھەر بىر سۆز-ھەرىكەتتە ئانىنى ئەزىزلەش ۋە ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىدا كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىۋاتقان بالىنىڭ تېزراق يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشىغا بولغان تەشنالىق ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. تۇغۇلغۇسى بالىنىڭ ئاكىسى ياكى ئاچىسى جېدەلخورلۇقى، شوخلۇقلىرىنى تاشلاپ ئانىسىنىڭ ئېغىرىنى يېنىك قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ئاتا بولغۇچىمۇ خوتۇنىغا ئالاھىدە مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 


بۇ چاغدا ئانا بولغۇچىنىڭ (ھامىلىدار ئايالنىڭ) ئوزۇقلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئائىلە ئەزالىرى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئانا بولغۇچىغا ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، تەنگە ۋە ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئائىلە شارائىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئانا بولغۇچىنىڭ ئوزۇقلىنىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ قۇۋۋەت مىقدارى، ئوزۇقلۇقنىڭ تۈرى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئانا بولغۇچىنىڭ (ھامىلىدار ئايالنىڭ) مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشىغا ھەر قاچان كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى، بالا ھەمراھى، ئانا تېنىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈشى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەملىكەتلىك ئوزۇقلۇق جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىن باشلاپ ھامىلىدارلارنىڭ كۈنىگە قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيە 200 كالورىيىدىن ئېشىپ بارسا بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى، ئانا تېنىنىڭ، بالا ھەمراھىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقاندا ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە كۈنىگە 25g ئاقسىل ئاشۇرۇپ قوبۇل قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ھامىلىدارلىقتىكى فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن ئاشقازان پلازمىسىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئازىيىپ بارىدۇ. شۇڭا، يېمەكلىكتىن كالتىسىي، تۆمۈر، سىنك، يود تولۇقلاپ تۇرۇش ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. نورمال ئەھۋالدا ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە كالتسىي، تۆمۈر، سىنك، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ۋىتامېنلارنى قوبۇل قىلىشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىتامېن مول بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. («ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ئىلمى»، 180-بەت).
ئەنە شۇنداق ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق، قۇتلۇق تىلەك، زارىقىپ كۈتۈشلەر نەتىجىسىدە، «بىر جان يىغلاپ تۇغۇلدى. ئۇ بىر ئائىلىگە چىراغ ئېلىپ كەلدى، ئائىلە شەجەرىسىگە يەنە بىر شاخ قوشۇلدى. تۇرمۇشقا خۇشاللىق، ئۈمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ئۇ لەختە قاندىن لوقما گۆشكە، ئاندىن بېجىرىم، مۇكەممەل ئورگانىزمغا ئىگە چىرايلىق ئادەم بولۇپ تۇغۇلدى.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 31-بەت).
تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىندىكىنى كېسىش يەنە بىر مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ. «ئانا تەۋەللۇت قىلغاندا تۇغۇت ئانىسىنىڭ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى كىندىك كېسىش بولىدۇ. بالا تۇغۇلغاندا ئۇزۇن كىندىكى بىلەن تۇغۇلىدۇ. كىندىك بالىنىڭ ھەمراھىغا ئۇلاقلىق بولۇپ، شۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەمدى كىندىكنىڭ بۇ رولى تۈگەيدۇ. شۇڭا، كىندىكنى كېسىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. تۇغۇت ئانىلىرى مەخسۇس تەييارلانغان ئەسۋاب بىلەن بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدۇ ۋە بوغۇۋېتىدۇ. ئاندىن كىندىككە پاك تۇپراقنى ئېلىپ چاچىدۇ ۋە بۇ تۇپراقنى بالىنىڭ رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشى، ئانا تۇپراققا سادىق بولۇشىنى، ئانا تۇپراقنى گۈللەندۈرۈش، ئانا تۇپراقنى بۇلغىماسلىق، ئانا تۇپراققا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ھەققىدىكى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ. شۇڭا «كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەر» ئۇ ئادەمنىڭ ۋەتىنى بولىدۇ. ئۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئاشۇ ۋەتەن ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزىدۇ. (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 33-بەت).

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى