7 ئايلىق بوۋاق تىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
يانفوندا كۆرۈش
7 ئايلىق بوۋاق تىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالا تىلىنىڭ چىقىش جەريانىغا ئېتىبار بېرىشى تېخىمۇ مۇھىمدۇر، بۇ چاغدا بالىلار ئاكتىپ ھالدا گەپنى دوراشقا باشلايدۇ، بىر بوغۇمنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۇ كۈن بويى ھەتتا بىرنەچچە كۈنگىچە ئۇدا بۇ بوغۇمنى تەكرارلاۋېرىدۇ. پىششىق ھالدا ئاۋاز مەنبەسىنى ئىزدەيدۇ، ئوخشىمىغان ئاھاڭلارنى، ئوخشىمىغان مەنالارنى چۈشىنىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ سىز چىقارغان ئاۋازغا بولغان ئىنكاسى تېخىمۇ جانلىق، چېچەن بولىدۇ، دائىم سىزگە ئەگىشىپ سۆزلەپ باقىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا «دادا» ۋە «ئانا» دېگەن گەپنى ئۆگەتكەنگە ئوخشاش، «مۈشۈك»، «ئىت»، «قىزىق»، «سوغۇق»، «ماڭ»، «كەت» دېگەندەك بىر قىسىم ئاددىي بوغۇم ۋە سۆزلۈكلەرنى ئۆگىتىش كېرەك. ئاز كەم دېگەندە يەنە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا سىز ئاندىن ئۇنىڭ گۇڭ-گۇڭ گەپلىرىنى چۈشىنەلەيسىز، بىراق بالىلار يېشىغا توشۇشتىن ئىلگىرىمۇ سىزنىڭ بەزى گەپلىرىڭىزنى چۈشىنەلەيدۇ.