«قىزىل تۇمشۇق يېشىل شاتۇتى» چۆپى (8~12 ئايلىق بوۋاقلار ئۈچۈن)
ۋاقتى: 2015-11-06
ئاۋاتلىقى: 807 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلار: پەمىدۇر، پالەك، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، قوۋۇرغا شورپىسى، ئىنچىكە چۆپ
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) پەمىدۇر، پالەك، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى ئۇششاق توغرايمىز.
2) قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇۋېتىپ، قوۋۇرغا شورپىسىنى قۇيۇپ قاينىتىمىز.
3) پەمىدۇر،پالەك، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى قازانغا سېلىپ، بىردەم قاينىتىپ، ئىنچىكە چۆپنى سالىمىز، چۆپ يۇمشىغان ھامان ئالساق بولىدۇ.
Tags: