ئىسىل شەربەت-ئاپلىسىن شەربىتى
ۋاقتى: 2016-08-16
ئاۋاتلىقى: 788 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلار: يېڭى ئاپلىسىندىن بىر تال، ناۋاتتىن بەش گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ئاپلىسىننى پاكىز يۇيۇپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ پارچىلايمىز، ئۇنى مېۋە سىقىش ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئاپلىسىن شىرنىسىنى سىقىپ چىقىرىمىز.
2. ئاپلىسىنىڭ شىرنىسىنىڭ ئۈستىگە ئىككى-ئۈچ ھەسسىسىچىلىك ئىلمان قايناقسۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ناۋاتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، بوۋىقىڭىزغا ئىچكۈزسىڭىز بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: ئۆزى تەييارلىغان ئاپلىسىن شەربىتىنى بوۋاققا خاتىرجەم ئىچكۈزسە بولىدۇ. ئاپلىسىن تەركىبىدە ۋېتامىن C، مېۋە كىسلاتاسى، ۋېتامىن B1، ۋېتامىن 2B، ئاقسىل، يىرىك تالا، تۆمۈر، كالتىسىي، فوسفور قاتارلىقلار بولۇپ، بوۋاققا ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاپلىسىن شەربىتى بەرگەندە، ئۇنىڭ ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلايدۇ، ئانا سۈتى ۋە كالا سۈتىدىكى ۋېتامىن كەملىكنى تولۇقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بىرىنچى قېتىم بىر قوشۇق ئىچكۈزۈش كېرەك، كېيىن بارا-بارا مىقدارىنى ئاشۇرسا بولىدۇ، ھەر قېتىمىلىق مىقدارى 80 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.