بالىلار داۋاملىق ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر
يانفوندا كۆرۈش
بىرىنچى، غىدىقلىغۇچى خاراكتېرگە ئىگە ئىچىملىكلەر: بۇ خىل ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ بەدىنىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يوشۇرۇن زىيان يەتكۈزىدۇ؛
ئىككىنچى، قوماچ: قوماچنى داۋاملىق ئىستېمال قىلسا، ئوڭايلا قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلىنىش يۈز بېرىدۇ؛
ئۈچىنچى، ئادەمگىياھقا ئوخشاش دورىلاردىن ياسالغان يېمەكلىكلەر: بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە بالىلارنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى يېتىلىشى بالدۇر بولۇپ قالىدۇ؛
تۆتىنچى چىلانغان بېلىق: بۇ خىل يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئىككى خىل مېتىللىق نىترات كىسلاتا تۇزى ئاسانلا بەدەنگە زىيانلىق بولغان ئىككى خىل مېتىللىق نىتروزو ئامىنىغا ئۆزگىرىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بەشىنچى، كونسېرۋا تىپىدىكى يېمەكلىكلەر: بۇ خىل يېمەكلىكلەرگە قوشۇلغان رادىئوئاكتىپ ماددىلار سوزۇلما خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛
ئالتىنچى، سېغىز كەمپۈت: بۇنىڭ تەركىبىدىكى رادىئوئاكتىپ ماددىلار ئورگانىزملارنى زەھەرلەيدۇ؛
يەتتىنچى، چاي: بالىلار چاينى كۆپ ئىچسە، بەدىنىدە تۆمۈر يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ؛
سەككىزىنچى، پالەك: بالىلار پالەكنى داۋاملىق ئىستېمال قىلسا، كالتسىي يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ؛
توققۇزىنچى، ھايۋانات يېغى: بالىلار ھايۋانات يېغىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلسا، بەدەننىڭ كالتسىي سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يېتىدۇ ;