ھامىلىدارلىقنىڭ 21-ھەپتىسىدىكى ئاتا بولغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلە 21 ھەپتە بولغاندا ئاتا بولغۇچىلار ئايالىنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىشى كېرەك، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاياللار يولدىشىغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ئاتا بولغۇچىلاردا ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن، ئانىلارنىڭ ھامىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ئاياللارنىڭ يولدىشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى.
ھامىلە 22 ھەپتىلىك بولغاندىن كېيىن، ئايالىڭىزنىڭ ئەھۋالى نىسپىي مۇھىم ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئەگەر بىكار ۋاقتىڭىز بولسا ئايالىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ كۆپرەك يەرلەرنى ساياھەت قىلدۇرۇپ كەلسىڭىز، ئەگەر ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلىشكە يار بەرمىسە ئايالىڭىز بىلەن بىرگە بازار ئايلىنىپ كەلگۈسىدىكى بوۋىقىڭىز ئۈچۈن نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىۋالسىڭىز، مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ بىرلىكتە قاراش چىقىرىشىمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.