چوقۇم سۈنئىي سۈت ئېمىتىش زۆرۈر بولىدىغان ئەھۋاللار(2)
يانفوندا كۆرۈش
يۈرەك كېسىلى ۋە بۆرەك ياللۇغى
ئانا ئېغىر يۈرەك كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش يۈرەكنىڭ ۋە بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىنىڭ سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى ئاز بولغاچقا بالىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز بولۇپ ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى توختىتىش كېرەك.
ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار
جىددىي خاراكتىرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئانىلار،مەسىلەن: ئۆپكە ياللۇغى. ئېغىر زۇكام قاتارلىقلار. بۇنداق كېسەللەرگە دائىم كۆپ مىقداردا ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى بىر نەچچە كۈن توختىتىپ تۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەرەللىك ھالدا سۈتنى سېغىپ چىقىرىۋېتىش، زۇكامدىن ساقايغاندىن كېيىن ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.