تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتى
ۋاقتى: 2016-07-03
ئاۋاتلىقى: 609 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار ئايال يالغۇز پەرزەنت بولسا دەم ئېلىش ۋاقتىنى يەنە 35 كۈن ئۇزارتىپ بېرىش كېرەك.
كېچىكىپ بالىلىق بولغانلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىغا يەنە 30 كۈن قوشۇپ بېرىش كېرەك.
تۇغۇتى تەس بولغانلار، قورساقنى كېسىپ بالىنى ئالغانلار، چات ئارىلىقى 3-دەرىجىلىك بۇزۇلۇش بولغان بولسا دەم ئېلىش ۋاقتىنى 15 كۈن ئۇزارتىپ بېرىش كېرەك.
قوش كېزەك ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۇغقان بولسا، ھەربىر بالا ئۈچۈن 15 كۈن دەم ئېلىش ۋاقتى قوشۇپ بېرىش كېرەك.
بويىدىن ئاجراپ كەتكەنلەر: ھامىلىدار بولۇپ 15 كۈنگە يەتمىگەنلەرگە 15 كۈن، 4 ئايغا يەتمىگەنلەرگە 30 كۈن، 4 ئايدىن يۇقىرى 7 ئايغا يەتمىگەنلەرگە 42 كۈن، 7 ئايدىن يۇقىرى بولۇپ ھامىلە تۇنجۇقۇپ قالغان، ھامىلە ئۆلگەن ياكى ئاي-كۈنى توشماي تۇغۇپ بالا ئەي بولمىغان بولسا 75 كۈن دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىش كېرەك.