5- ئايلىق بوۋاقلارنىڭ يۇقىرىقى بەدىنىنى چېنىقتۇرۇش ھەققىدە
يانفوندا كۆرۈش
بۇ مەزگىلدە بوۋاق ئۆرۈلەلەيدۇ، يوقىرىقى مۈچىگە تايىنىشقا باشلايدۇ، شۇڭا بۇ چاغدا يوقىرىقى بەدەن چېنىقىشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. پاسسىپ گىمناستىكىدىن سىرت، بوۋاقلارغا ئۆرۈلۈش ھەرىكىتىنى كۆپرەك ئىشلىتىش ئارقىلىق چېنىقتۇرۇش كېرەك. بۇ جەرياندا بوۋاق ئاستا-ئاستا ئۆرۈلەلەيدىغان بولىدۇ ۋە پۇتىنىڭ كۈچىگە تايىنىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا بوۋاقنى ئۆرۈلۈشكە يەنىمۇ كۆپ ئىلھاملاندۇرۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېپىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش لازىم. ئىككى قول بىلەن بوۋاقنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاستا كۆتۈرۈپ، يەنە قويۇپ تەكرارلىغاندا، ئىنتايىن ياخشى بولغان مەشقلەندۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بوۋاق ئۆمىلەشكە تەمشەلگەندە، ئۇنىڭغا تېپىش ھەرىكىتىنى كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك. ھەر قېتىملىق چېنىقىشنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولسا، بوۋاق ئۆمىلەشنى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ.